2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، جەمئىيىتى تەتقىقات يىغىنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، جەمئىيىتى ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى» 17-نويابىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا باشلىنىپ، 18-نويابىر كۈنى ئاخىرلاشتى.

2-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، جەمئىيىتى ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان، قۇرۇلتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمتىمىن ئەلا، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنىۋەر ئەپەندىلەرنىڭ 18-نويابىر بىريۇسسېلدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر تەتقىقات يىغىنىغا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلغان بولۇپ، يىغىن بىريۇسسېلدىكى لېبرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىنغا 24 تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە زىيالىي قاتناشقان. يىغىننىڭ 2-بۆلۈمى 20-نويابىرغا قەدەر پارىژدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن تېمىلاردا ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلىدىكەن.

يىغىننىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ئىككى كۈنلۈك پروگراممىسىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئىسرائىلىيە، رۇسىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ پروفېسسورلىرى، ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلىرى، زىيالىيلار تەتقىقات دوكلاتلىرىنى تەقدىم قىلغان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەنىۋەرجاندىن سىرت، يەنە فىرانسىيەدىن مۇقەددەس مىجىت، دىلنۇر رەيھان قاتارلىق زىيالىيلارمۇ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىريۇسسېلدىكى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ياكى دوكلات تەقدىم قىلغانلاردىن ئەنىۋەرجان، مەمتىمىن ئەلا، ئەنىۋەر قاتارلىق زىيالىيلىرىمىزنىڭ مەلۇماتى ھەم قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.