شىۋېتسىيەدىكى «مەشرەپ» پۇتبول كوماندىسى پۇتبول ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2016.03.23
shiwetsiye-meshrep-putbol-komana-ezaliri.jpg «مەشرەپ» پۇتبول كوماندىسى ئەزالىرى.
RFA/Éhsan

شىۋېتسىيەدە 2013-يىلى قۇرۇلغان «مەشرەپ» پۇتبول كوماندىسى ئەزالىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر ياشلاردىن تەشكىللەنگەن.

كوماندا مەسئۇلى ھەمدە ترېنېرى مۇھەممەت سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كوماندىنىڭ ئۇيغۇر ياشلاردىن 30 غا يېقىن ئەزاسى بولۇپ، شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەر قايسى رايونلاردىكى ئۇيغۇر ياشلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ «مەشرەپ» كوماندىسىنى قۇرۇپ چىققان.

بۇ كوماندا شىۋېتسىيەدىكى ئىشتىن سىرتىقى پۇتبول كوماندىلار گۇرۇپپىسىغا قېتىلىپ، شىۋېتسىيەدىكى ئىشتىن سىرتقى كوماندىلار ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى ئىشتىن سىرتقى 9 كوماندىلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە «مەشرەپ» كوماندىسى بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئۇلار شىۋېتسىيەدىكى كوماندىلاردىن باشقا يەنە، بېلگىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر كوماندىلار بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئويناش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشۇش ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچلەندۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقلارغا ئاساس سېلىپ كەلمەكتە.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «مەشرەپ» پۇتبول كوماندا ترېنېرى مۇھەممەت سىدىق ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ پۇتبول ۋاسىتىسى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش ۋە مەشرەپ ئويناشقا تۈرتكە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەشرەپ كوماندا ئەزالىرىدىن فەرۇخ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ كوماندىدا ئۆز تەڭتۇشلىرى بىلەن دوستلۇق ئورناتقاندىن باشقا يەنە، پۇتبول مۇسابىقىلەر ئارقىلىق شىۋېت خەلقىگە ئۇيغۇر داۋاسىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە «مەشرەپ» پۇتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى روسۇلنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ سۆزىدە كوماندىدىكى ياشلارنى تەربىيىلەش ئارقىلىق ھازىر شىۋېتسىيەنىڭ كەسپى كوماندىلىرىدا 3 نەپەر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ توپ تېپىۋاتقانلىقىنى، شىۋېتسىيەدىكى ئاممىۋى تور بەتلەردە «مەشرەپ» كوماندىسىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن پۇتبول ئارقىلىق ئۇلارنى تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ھەمدە ھەر مۇسابىقىلەرگە «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» نىمۇ تونۇتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارەت ئاخىرىدا «مەشرەپ» پۇتبول كوماندىسى مەسئۇلى ۋە ترېنېرى مۇھەممەت سىدىق بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى شىۋېتسىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر پۇتبول لوڭقىسىنى تاللىشىش مۇسابىقىسىگە تەكلىپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.