پۈتۈن دۇنيادىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرى «دۇنيا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى توپ مۇسابىقىلىرىنى ئىشتىياق بىلەن كۆرۈۋاتقاندا شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى پائالىيەتلىرىدىن بولغان «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسى 4-ئىيۇل باشلاندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئورنى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتى تاللاندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جەمئىي يەتتە كوماندا ئۆزىنى تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «تەكلىماكان» ۋە «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى كوماندىلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلاردىن باشقا يەنە «لوس-ئانژېلېس ئۇيغۇر كوماندىسى»، «سان-فېرانسىسكو ئۇيغۇر كوماندىسى»، «ئۇيغۇر بوغدا كوماندىسى»، «مارىلاند ئۇيغۇر كوماندىسى» قاتارلىقلارمۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە توپ تېپىدۇ.
بۇ قېتىمقى «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 4-ئىيۇل كۈنى چۈشتە ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى فالسچۇرچ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت سورۇنى خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە جامائىتى بىلەن جانلانغان بولۇپ، سورۇننىڭ كەيپىياتىدىن قارىغاندا، پۇتبولغا بولغان مۇھەببەت بىلەن ئۇيغۇرلۇق مۇھەببىتى چەمبەرچاس يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىدى. پائالىيەت باشلىنىش ئالدىدا بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان توپچىلاردىن «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىنىڭ ئەزاسى شىرئەلى بۇ مۇسابىقە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.
مەزكۇر كوماندىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەرفات دىلشاتمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ مۇسابىقىنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ زورىيىشىغا ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈردى. شىرئەلى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قانداق ئارزۇلىرى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۆزىنىڭ شەخسى ئارزۇسىدىن كۆرە پۇتبول مۇسابىقىسىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش ئارزۇسىنىڭ بەكرەك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئۇيغۇر جامائىتىمۇ يىراق-يېقىندىن كېلىپ قاتناشقان ئىدى. شۇلار قاتارىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىليار شەمشىدىن بۇ ھەقتە قانداق تەسىراتتا ئىكەنلىكىمىزنى سورىغىنىمىزدا ئۆزىنىڭ مۇشۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئارقىلىق ياشلاردىكى باش ئەگەمەسلىك روھىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت باشلانغاندا پۈتۈن زال جۇشقۇن ياشلارغا لىق تولغان ئىدى. ياشلارنىڭ ھۇررا شاۋقۇنىدىن كېيىن بۇ قېتىملىق پائالىيەت رەسمىي باشلاندى. پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياشلار ئالدى بىلەن ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭدىن كېيىن پائالىيەت گۇرۇپپىسى بۇ قېتىملىق ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا كۆپچىلىك ئورنىدىن تۇرۇپ مارشقا ھۆرمەت بىلدۈردى.
شۇنىڭدىن كېيىن شىرئەلى سۆز ئېلىپ بۈگۈنكى پائالىيەتنى قىزغىن قوللاپ كەلگەن ئامېرىكا جامائىتىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۆتكەن يىلى ۋاپات بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئېرفان مالىكنى شۇنداقلا ئۇنىڭ پۇتبول ئويۇنلىرىدا ھەرقاچان ۋارتار بولىدىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە كۆپچىلىكنى ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن ئېليار شەمشىدىن بۇ ھەقتە بىزگە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەرھۇم سەپداشلىرىنى ئۇنتۇماسلىقتەك روھىنىڭ ئۇيغۇردىكى ئېسىل خىسلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغانلىق، دېدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار قاتارىدىكى ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن ئەخمەتجان ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ياشلارغا بېسىم قىلىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى مۇشۇ پائالىيەت سورۇنىغا جەلپ قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خالىسانە ھالدا ئامېرىكىدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ مەشقاۋۇللۇقىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان جۈرئەت زاھىرمۇ بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا زور ئەجىر قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ پائالىيەت ئارىلىقىدا ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشقانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. جۈرئەت زاھىر يەنە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېغىر زۇلۇمغا ۋە باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇسابىقە ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى «مەن ئۈچۈن بىر ئىنقىلاب» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەندىن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش زۆرۈر بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇنىڭ بىر جىددىي تەلەپ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە بۇ پائالىيەتنى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتىنىڭ ماددىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئۇيغۇرلاردىكى ئۆملۈك ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللاش روھىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە توپ تېپىدىغان كوماندىلارنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش ئۈچۈن چەك تاشلاندى ۋە چەك بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغان كوماندىلار بۈگۈن كەچتىن باشلاپ توپ مۇسابىقىسىنى باشلاشقا كېلىشتى.
بۇ قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىلىق بىز داۋاملىق خەۋەرلەر بېرىمىز. دىققىتىڭلار داۋاملىق بىزدە بولسۇن!
0:00 / 0:00