4-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى تەنتەنىلىك ئاياغلاشتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-07-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
4-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇچ كوماندا ئەزالىرى. 2018-يىلى 8-ئىيۇل، ئامېرىكا.
4-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇچ كوماندا ئەزالىرى. 2018-يىلى 8-ئىيۇل، ئامېرىكا.
RFA/Eziz

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ جامائەتچىلىك پائالىيەتلىرىنى تۈرلۈك شەكىللەردە داۋام ئەتتۈرۈپ كەلمەكتە. 4-ئىيۇل باشلانغان 4-نۆۋەتلىك «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. بەش كۈن داۋام قىلغان مۇسابىقە جىددىي ئېلىشىشتىن كېيىن 8-ئىيۇل كۈنى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا ئۆتتى.

3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 دا باشلاندى. بۇ مەيدانغا تاللانغان «تەكلىماكان» كوماندىسى بىلەن «لوس-ئانژېلىس ئۇيغۇر كوماندىسى» ئىككى مەيدان ئېلىشتى. ئاخىرى «تەكلىماكان» كوماندىسى ئۈچتە بىر نەتىجە بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

ھەممەيلەن كۆز تىكىپ كەلگەن چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە «ئۇيغۇر بىرلىكى» بىلەن كانادادىن كەلگەن «ئۇيغۇر بوغدا» كوماندىسى تاللاندى. كەسكىن داۋام قىلغان مۇسابىقە جەريانىدا مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىمۇ كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھەر بىر ھۇجۇمىغا تەڭ قىيقاس كۆتۈرۈپ مۇسابىقە كەيپىياتىنى بەكلا جانلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى.

مۇسابىقە قىزىغانسېرى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كوماندا ئەزالىرىمۇ بارلىق ماھارەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋارتارغا توپ ئۇرۇشقا تېخىمۇ بەكرەك كۈچەشكە باشلىدى. شۇ ئارىلىقتا ئارقىمۇ-ئارقىدىن كۆرۈلگەن ئىككى قېتىملىق ئېغىر دەرىجىدىكى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن «بوغدا» كوماندىسىنىڭ ئىككى توپچىسىغا ئارقىمۇ-ئارقىدىن قىزىل كارتا جازاسى بېرىلىپ، مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى. بۇنىڭ بىلەن «بوغدا» كوماندىسىغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىم چۈشتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا بەل قويۇۋەتمەي ئاخىرىغىچە ئوينىدى. ئاخىرى جىددىي ئېلىشىش ئارقىلىق «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى ئاخىرى ئىككىدە بىر نەتىجە بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

رەسمىي مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان «ئالتۇن پەلەي» لوڭقىسى تارقىتىلدى. بۇ مۇكاپات مەرھۇم ياش پۇتبولچى، «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىنىڭ سابىق ۋارتارى ئېرپان مالىكنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىلقى «ئالتۇن پەلەي» لوڭقىسىنى ئېرپاننىڭ دادىسى پەرھات مالىك ئەپەندى ئۆز قولى بىلەن بۇ يىلقى مۇسابىقىدە «ئەڭ ياخشى ۋارتار» نامىغا ئېرىشكەن ئېلزاتقا تاپشۇرۇپ بەردى. بىز ئارىلىقتا پەرھات ئەپەندىدىن شۇ تاپتا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلاردىكى ئۆز دوستىنى ئۇنتۇماسلىقتەك ئېسىل خىسلەتتىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن بۇ يىللىق «ئالتۇن كەش» مۇكاپاتىنى بۇ يىلقى مۇسابىقىدە ئەڭ ياخشى توپ تەپكۈچى دەپ قارالغان ئارافات دىلشاتقا بېرىلدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يىلقى مۇكاپات ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى «بوغدا» كوماندىسىنىڭ ئەترەت باشلىقى دىلاۋۇرغا بېرىلدى.

مۇنەۋۋەر ماھىرلار تەقدىرلىنىپ بولغاندىن كېيىن كوماندىلار بويىچە مۇكاپات تارقىتىلدى. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن 3-بولغان «تەكلىماكان» كوماندىسىغا مۇكاپات لوڭقىسى تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

ئارقىدىن ۋىرجىنىيەدىكى «غەمگۇزار ئانا» ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى سۈرەييە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 2-بولغان «بوغدا» كوماندىسىغا مۇكاپات لوڭقىسىنى تاپشۇرۇپ بەردى.

ئەڭ ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىغا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى تەقدىم قىلىندى.

ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى خۇشاللىقىدا قولمۇ-قول تۇتۇشۇپ، مەشقاۋۇل جۈرئەت زاھىرنى ئاسمانغا ئاتقاندا پۈتۈن مەيداننى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى.

مۇراسىمدىن كېيىن بىز «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىنىڭ ئەزاسى شىرئەلىدىن بۇ قېتىمقى غەلىبە ھەققىدە نېمىلەر ئويلاۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۆزىنىڭ بۇ غەلىبىلەردىن تېخىمۇ چوڭ غەلىبىلەرنىڭ تەۋەللۇت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئارافاتمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۈچۈن كۆپ مەشىق قىلغانلىقىنى، ئاخىرى شۇنىڭغا يارىشا نەتىجە قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىللاردىن بۇيان «ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇقىنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان جۈرئەت زاھىر ياشلارنىڭ مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە گۇرۇپپىدىكى بىر قىسىم بالىلارنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا ئۆزئارا ماسلىشىش جەھەتتە دېگەندەك بولالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭچە، بۇ بالىلار داۋاملىق قاتتىق مەشىق قىلدۇرۇلسا تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئۈمىد زور ئىكەن.

كۆپچىلىكنىڭ خۇشاللىققا تولغان قىيقاس-چۇقانلىرى ئىچىدە 2019-يىللىق «5-نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نىڭ كېلەر يىلى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى جاكارلانغاندا مۇسابىقە ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ ئىمكان بار شۇ جايغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەچ مەيداندىن تارقاشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت