قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئانا تىلىنى قەدىرلەش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى، مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى مانا شۇ يۆنىلىشتە پائالىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر.
قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆز سېپىنى ئاڭلىق ۋە مىللەتپەرۋەر ياشلار بىلەن يەنىمۇ تولۇقلاپ، مەملىكەتتىكى باشقىمۇ جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر بىلەن بىر قاتاردا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇنىڭ ئاكتىپلىرى ھەر يىلى تەشكىلىي مەسىلىلەر بويىچە يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يىللىق ھېسابات بېرىش، كېلەچەككە ئائىت پىلانلار قۇرۇش، سايلام ئۆتكۈزۈش، جىددىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى پات-پات ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.
يېقىندا تەشكىلات ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچى كاتىپى زۆھرە مەمەتنىيازوۋا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.