تۈركىيەدە «تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر شېئىرىيەت مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلماقچى
2018.04.13

14-ئاپرېل ئىستانبۇلدا تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدىغانلىق خەۋىرى تارقالدى.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىغىندا ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن ئەخمەتجان ئوسمان ۋە تاھىر ھامۇت قاتارلىقلار ماقالە ئوقۇيدىكەن. يىغىنغا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن تۈركىيەدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، ئامېرىكىدىن دوكتور ئەسئەت سۇلايمانلار قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلىدىكەن. يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى ياش كۈچلەردىن دوكتور راھىلە قەشقىرى، دوكتۇرانت ھەسەنجان ئابدۇۋاھىت، ياپونىيەگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇۋاتقان مۇقەددەس نۇر قاتارلىقلارمۇ تەكلىپ بىلەن ماقالە ئوقۇيدىكەن.
مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان، يىغىن تەييارلىق ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭچە، بۇ يىغىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تىلنىڭ تەقدىرى قاراڭغۇ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان، ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئېغىر تەقىبلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان ۋە «سىياسىي تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىدا قىينىلىۋاتقان بىر شارائىتتا چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مۇھاجىرەتتە بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى، ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە دىئاسپورادىكى ئەدىبلەرگە سەھنە ھازىرلاش مەقسەت قىلىنىدىكەن.
مەزكۇر يىغىننىڭ مەسلىھەتى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، شائىر تاھىر ھامۇت، ئەخمەتجان ئوسمان، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى قەلەمكەشلەر كېڭىشىپ مەزكۇر يىغىننى ئېچىش قارارىغا كەلگەن. ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان شائىر تاھىر ھامۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننى قاچان، قەيەردە، قانداق ئېچىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئۇنىڭ بايانىچە، بو يىغىن ھېچ بىر دۆلەت ياكى تەشكىلاتنىڭ پىلانلىشى ياكى ياردىمىدە ئەمەس، بەلكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قولنى قولغا تۇتۇپ قىلغان ھەمكارلىقىغا تايىنىپ ۋۇجۇدقا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن.
بۇ يىغىن ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋە دۇنياغا قانداق بىر ئۇچۇرنى بەرمەكچى بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭچە، بۇ يىغىن دۇنياغا ۋە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلنىڭ جەۋھىرى بولغان شېئىرىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئىرادىسىنى جاكارلايدىكەن.
شائىر تاھىر ھامۇت بۇ يىغىن ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى يوقاتماقچى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە سۈكۈتچان دۇنياغا ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ «ئىجادىيەت ئارقىلىق ئانا تىلنى قوغدايمىز، » دېگەن جاۋابنى بەرمەكچى ئىكەن.
بۇ قېتىمقى يىغىندا نېمە ئۈچۈن شېئىرىيەتنىڭ مۇھاكىمە نۇقتىسى قىلىنغانلىقى ھەققىدە شائىر ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ ئۆتتى.
تاھىر ھامۇت بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەش، ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدىكى ئىجادىيەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ۋە داۋام قىلدۇرۇشتا بىر ئۆزگىچە يولنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
14-ئاپرېل ئېچىلماقچى بو يىغىن ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا بۆلىكىگە جايلاشقان فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى يېغىن زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سەھەر سائەت توققۇزدا باشلىنىپ چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە ئاياغلىشىدىكەن.