«قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» ناملىق كىتاب تۈركىيىدە نەشر قىلىندى

ئۇيغۇر تەتقىقاتى تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسى بولۇپ، دۇنيادىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئەڭ قانات يايغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس پروگراممىسىدا يىلتىز تارتىشى ۋە ھەر خىل تەتقىقات مېۋىلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى بۇنىڭ نامايەندىسىدۇر.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور كەمال ئەرئاسلاننىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى بولغان «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسى» ناملىق كىتاب تۈرك تىلىدا تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئۇشبۇ كىتاب 664 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتاب كىرىش سۆز، ئىملا قائىدىسى، فونېتىكا، مورفولوگىيە، سىنتاكسىس، پايدىلانغان قوليازمىلارنىڭ ئىندەكىسلىرى، بۇددىزم ۋە مانىخېيزىم ئاتالغۇلىرى، گرامماتىكا ئاتالغۇلىرى قاتارلىق بۆلۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كىتابتىكى گرامماتىكىلىق قائىدىلەرگە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەر مىسال كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسى سىستېمىلىق ھالدا قېلىپلاشتۇرۇلغان. بۇ كىتاب تۈركولوگىيە ساھەسىدە ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان نوپۇزلۇق گرامماتىكا كىتابلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

پروفېسسور دوكتور كەمال ئەرئاسلان ئەپەندى داڭلىق تۈركولوگ رېشىت رەھمىتى ئاراتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋە چاغاتاي تىلى ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان تونۇلغان تۈركولوگدۇر.

ئۇ كىتابىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا، ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ مۇنداق يازغان:
«ئۇيغۇر تۈركچىسى تۇنجى بولۇپ شەھەر ھاياتىغا ئۆتكەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغان شەھەر كۈلتۈرىنى، يۇقىرى سەنئەت قابىلىيىتىنى ۋە ئۆز كەشپىياتى بولغان مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆزىدە نامايان قىلغان بىر تىل ھېسابلىنىدۇ. تۇرپاندىن قولغا چۈشۈرۈلۈپ كۆپ قىسمى ھازىر بېرلىن براندېنبۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ساقلىنىۋاتقان مول قوليازمىلار سۆز بايلىقى ۋە بۇددىزم، مانىخېيزىم ئاتالغۇلىرى تەتقىقاتى جەھەتتىن تولىمۇ مۇھىم ۋە قىممەتلىك.»