2016 - يىلى ئاۋغۇست ياپونىيەدىكى داڭلىق «ياپونىيە تېنىقى» ژۇرنىلىدا، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تەھرىر مۇخبىرى ساكاموتو ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ سۆھبىتى ئېلان قىلىنغان. ھايات كەچمىشى شائىرلىقتىن - سىياسەتكىچە يېيىلغان ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ ئىككى تەرەپلىمە ھاياتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ نامى ئەسلىدىكى دۆلەت نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەپ ئېلىنغان ۋە ئەخمەتجان ئوسماننىڭ سىياسىي ساھەدىكى ئىمتىيازىغىمۇ ھۆرمەت بىلدۈرۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى رەئىسى دەپ، تونۇشتۇرۇلغان.
«ياپونىيە تېنىقى» ژۇرنىلىنىڭ 2016 - يىللىق 10 - ساندىكى ئالاقىدار سەھىپىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە: ژۇرنالنىڭ بىرىنچى بېتىگە ياپونىيەنىڭ ھازىرقى پادىشاھى ئاكىھىتو جانابلىرىنىڭ سۆزى بىلەن رەسىمى بېرىلگەن. 24 - بەتتىن 32 - بەتكىچە بولسا ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تەھرىرى ساكاموتو ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى بېرىلگەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يوللاپ ئۇيغۇرلارنى خەۋەردار قىلغان ياپونىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى مۇقەددەس خانىمنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، قىرىق مىڭدىن ئارتۇق مۇقىم مۇشتىرىسى بار «ياپونىيە تېنىقى ژۇرنىلى» ياپونىيەدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ساھەلەرنىڭ نوپۇزلۇق ئادەملىرى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان بىر ژۇرنال بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بۇنداق بىر مەزمۇننىڭ ئېلان قىلىنىشى پەۋقۇلئاددە ئەھۋال دەپ كۆرسىتىلگەن.
مۇقەددەس خانىمنىڭ مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدىكى مەلۇماتىدا، بۇ سۆھبەتنىڭ مەزكۇر ژۇرنالدا 8 بەتنى ئىگىگەنلىكى ۋە مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن تىلغا ئېلىنغان تېمىلار - ياپونىيە ئاتاقلىق يازغۇچىسى مىشىما يۇكىئو ۋە نورۇز گۈلى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى توغرىسىدا، غۇلجا ۋەقەسى ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ماھىيىتىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرق، ئىككى يول يەنى مۇستەقىللىق كۈرەش يولى ۋە شائىرلىق يولى، ئۆزلۈككە بولغان ئىزدىنىشنى توختاتمىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى پاجىئەسى، ئاسىيانىڭ ئەتىسى بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن! ياسۇكۇنى بۇزرۇكخانىسىدا كۆرگەنلەر ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئاتوم يادرو سىنىقى قاتارلىق سەككىز ساھەگە يېيىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى، مۇقەددەس خانىم، ئىسمائىل چىنگىز ۋە ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى، بۇ ژۇرنالنىڭ ئىمتىيازى ھەققىدە ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئىنكاس قىلىش بىلەن بىرگە، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغاندەك، ئايدا بىر قېتىم چىقىدىغان مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ياپونىيەدىكى سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تارىخ، مىللىي غۇرۇر ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ساھەسىدىكى قىرىق مىڭدىن ئارتۇق مۇقىم مۇشتىرىغا ئىگە نوپۇزلۇق ژۇرنالنىڭ تەھرىرى ۋە مۇخبىرى ساكاموتو ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇرۇنمۇ كۆپ پروگراممىلارنى ئىشلىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئىلھام ماھمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان ئوسماننىڭ بۇ سۆھبىتىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ئەخمەتجان ئوسماننىڭ سىياسىي ھاياتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىمۇ ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئىلھام ماھمۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ياپونىيە تېنىقى ژۇرنىلى»نىڭ تەھرىرى ساكاموتۇ ئەپەندىنىڭ بۇ سۆھبەتكە ئۆزى بىۋاسىتە ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىمۇ بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ياپونىيە تېنىقى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان سۆھبەتتىن كېيىنكى ھېس - تۇيغۇلىرى ۋە ئوي - پىكىرلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تەھرىرى مۇخبىر ساكاموتو ئەپەندىنىڭ رېئاللىققا باغلانغان سوئاللىرى بىلەن ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شائىرانە تۇيغۇلىرى ئەكس ئەتكەن جاۋابلار قىزىقارلىق ۋە مەزمۇنلۇق چىققان بولۇپ، ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە شېۋىرلانغان بىر ئۇيغۇرنىڭ تېنىقى «ياپونىيە تېنىقى» بىلەن قوشۇلۇپ ياپونىيە خەلقىنىڭ قەلبىگە سىڭمەكتە ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كەڭ تارقالماقتا.
خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەدىكى قىزىققۇچىلارنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن 12 - ئۆكتەبىردىن 16 - ئۆكتەبىر ياپونىيەدە 5 - قېتىملىق زىيارەتتە بولغان ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى يەنە كۆپ مەزمۇنلۇق ۋە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەردە بولغان. بىز بۇ ھەقتە پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا مەلۇمات بېرىمىز.
0:00 / 0:00