ئەنقەرەدە «يېڭى يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2018.11.23

خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈركىيەدە ئۆزىنىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتى «يېڭى يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدى.
23-نويابىر كۈنى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى سىراجىدىن ئەپەندى، تەكلىمەكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ خادىملىرى ئىشتىراك قىلدى.
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىك قىلغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا «يېڭى يىپەك يولى» نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى. ئاندىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرگە ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
ئالدى بىلەن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆز قىلىپ، يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنداق بىر تېمىدا يىغىن چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى.
بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ 2013-يىلى «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنى دۇنياغا جاكارلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنداقتا، «يېڭى يىپەك يولى» دېگەن زادى نېمە؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئېچىلىش نۇتقىدا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان يىغىندا ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر «يېڭى يىپەك يولى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ
كېلىدىغان خەۋپلىرى ۋە مەزكۇر خەۋپنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «يىپەك يولى-ئەجدەرھا يولى» شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاينىڭ بۇ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلدى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئەنقەرەدە چاقىرىلغان «يېڭى يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز مىكروفونىمىزنى د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىگىمۇ ئۇزاتتۇق. ئۇ يىغىندا مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، كۆپلىگەن پايدىلىق پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن 2018-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىنستىتۇت ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات ھازىرلاش، تور بېتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىش ۋە ئىلمىي دوكلاتلارنى ئۇيۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.