قازاقىستاندا «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» قۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.11.04
qazaqistan-yettesu-uyghur-muzika-mektipi-1.jpg لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى (ئارقا رەت سولدا) ۋە ۋە ئۇنىڭ خانىمى رېيچال خارىس(Rachel Harris، ئارقا رەت ئوڭدا) «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن. 2016-يىلى ئىيۇل، ئالماتا.
Photo: RFA

قازاقستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدىن ئالماتا ئوبلاستى بايسېيت يېزىسىدا «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نامىدا ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىگە ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى، مۇقام ۋە ناخشا، ئۇسۇللىرى تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇرلارغا خاس تۇنجى مۇزىكا مەكتىپى، بۇ يىل سىنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي دەرس باشلىغان. باش شىتابى ئەنگىلىيىدىكى ئاگا خان مۇزىكا فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بۇ مەكتەپتە ھازىر 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەر، پېشقەدەم تەجرىبىلىك كەسپىي سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىدا تەربىيىلىنىۋاتقان بولۇپ، 11 - نويابىر بايسېيت تا،«يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۈچۈن كونسېرت تەييارلىقىنى قىلماقتا ئىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە قازاقستاندىكى بۇ تۇنجى ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان ۋە ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ۋە قازاقىستاندىكى مەكتەپ مەسئۇللىرى كلارا تۇردىيېۋا ھەمدە ئەزىز تۇردىيېۋالار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەتكە بىرلىكتە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.