ئەخمەت قۇربان: «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتى ھەممىمىزدىن يۈكسەك ئىنسانىي مەسئۇلىيەتچانلىق كۈتىدۇ»

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزگە قارشى تۇنجى، شۇنداقلا بىردىن-بىر ئەل ئىچى تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى، پسىخىكا مەسلىھەتچىسى، مۇتەخەسسىس ئەخمەت قۇربان بولسا، 20 يىلدىن بۇيان ھەر كۈنىنى ئەيدىز بىمارلىرى، زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولغۇچىلارنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋە بۇ ھەقتە ئاممىغا پسىخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بىر پىداكار روھنىڭ ساھىبى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.12.04
exmet-qurban-305.jpg "ﻳﺎﺭﯨﭗ ﺯﻩﻫﻪﺭ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻰ" ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ
www.yarp.net.cn

ئۇنىڭ پىداكارلىق كۆرسىتىشىگە نېمىلەر سەۋەب، يەنە نېمىلەر ئىلھام بولماقتا؟ بۇ قانداق بىر روھ؟

ئەيدىز يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىچىدە ئۇنچە قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس، ئۇنى چۈشەنگەندە، ساقلىنىش يوللىرىنى بىلگەندە، ئۇنى يۇقتۇرۇۋېلىشتىن تامامەن مۇداپىئە كۆرگىلى بولىدۇ، ھەممىدىن خەتەرلىكى، ئەيدىز ساۋاتسىزلىقى، جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ئەيدىزلەرگە بولغان كەمسىتىش، مەسئۇل ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى. مانا بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كۈرىشىگە رىقابەت يارىتىۋاتقان مەۋجۇت مەسىلىلەر.

ئەخمەت قۇرباننىڭ ئەيدىز ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىكتىن ھەقسىز مەسلىھەت سوراش قىزىق لىنىيىسى ۋە تور بېكىتى شۇنداقلا تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئەيدىزدىن ساقلىنىش، زەھەر چەكلەش بىلىملىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ كەلمەكتە. ئەخمەت قۇربان، ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ساناقلىق كىشىلەرنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى، ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋالماسلىق ۋە باشقىلارغا يۇقتۇرماسلىقتا ھەر قانداق ئىنسان ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقىلىش يوللىرىنىڭ كۆپىيىشى، ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىغانلىقى، ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى يېڭى خىرىسلارغا دۇچار قىلماقتا، ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن خەۋپلىك، تاقابىل تۇرۇش قىيىن بولماقتا.

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتېتىنىڭ 4-قېتىملىق ئومۇمىي ئەزالار يىغىنىدا تەكىتلەپ، ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشتا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك دېدى شۇنداقلا «ئەل ئىچى ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە باسالمايدۇ» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى.

لى كېچياڭنىڭ بۇ بايانلىرى ئەيدىزگە قارشى يېگانە شۇنداقلا مۈشكۈل كۈرەش قىلىۋاتقان ئەخمەت قۇربانغا بىر ئاز ئىلھام بولغان، ئۇ ئۆزىنىڭ لى كېچياڭنىڭ ئەيدىزگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى ۋە بۇ ھەقتە بەزى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى يەتكۈزۈش بۇرچى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە لې كېچياڭنىڭ، ئەيدىزلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىزلەرگە يەنىمۇ كۈچلۈك ياردەم سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئەيدىز ئەرزدارلار بلوگلىرىدا «لى كېچياڭنى خەلق سۆيۈنگۈدەك رەھبەر ئەمەس، بەلكى بۇلغانغان قان ئارقىلىق خېنەندە يۈز مىڭ پۇقرانىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشىدەك زور ئاپەتتە مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولغان، سوتلىنىشقا تېگىشلىك جىنايەتچى» دەپ ئەيىبلەندى.

چۈنكى، خىتاي سەھىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ نومۇس بولغان، خېنەندە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ قان سېتىشى ۋە ۋىرۇس بار بۇ قانلارنىڭ داۋالاشتا كەڭ قوللىنىشى سەۋەبلىك يۈز مىڭلاپ كىشىلەرگە ئەيدىزنىڭ تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى ۋە نۇرغۇن بالىنىڭ ئەيدىز يىتىملىرىگە ئايلىنىشىدەك زور ئەيدىز ئاپىتى شۇنداقلا كېيىن يەنە نارازى بولغان، تۆلەم تەلەپ قىلغان ئەيدىز ئەرزدارلىرى قاتتىق باستۇرۇلغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەن پەيتتە، لى كېچياڭ خېنەندە ئۆلكە رەئىسى ۋە پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.