«مەن كالمان» كىتابى تۈركىيەدە تۇنجى نۆۋەتلىك بىر خەلقئارالىق يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەب بولدى
2018.04.16

«كالمان سىندرومى» كېسەللىكى ھەققىدە تۈركىيەدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، 14-ئاپرېل كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئېمىرگان رايونىدىكى زېسىت يىغىن زالىدا بولۇپ ئۆتتى. بۇ خەلقئارالىق يىغىنغا، تۈركىيەدىكى «كالمان سىندرومى» كېسەللىك مۇتەخەسسىسلىرى، ئامېرىكا ۋە يەنە باشقا دۆلەتلەردىكى بۇ كېسەل ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىل كېسەللىك بىمارلىرى ۋە بىر قانچە نوپۇزلۇق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن باشقا يەنە ياپونىيە، تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم ساخاۋەتچىلىرى ھەم فوندى جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 70 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان.
يىغىننىڭ باش ئۇيۇشتۇرغۇچىسى، ئىجتىمائىي ئالاقىلەر شىركىتىدە پائالىيەت مۇدىرىلىقىنى ئاتقۇرۇۋاتقان ژۇرنالىست دۇيگۇ خانىم، «كالمان سىندرومى» تېمىسىدا مۇنداق بىر خەلقئارالىق يىغىننىڭ تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئېچىلىشىغا ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندىنىڭ «مەن كالمان» ناملىق تۈركچە يېزىلغان كىتابىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇيگۇ خانىم يەنە مەزكۇر ئەسەرنىڭ بىر «كالمان سىندرومى» بىمارىنىڭ ئۆزىنىڭ كېسىلى ھەققىدە تۈركىيەدە نەشر قىلدۇرغان تۇنجى كىتاب بولۇش سۈپىتى دىققەت قوزغىغانلىقىنى، 5 ئايدىن ئارتۇق تەييارلىقتىن كېيىن يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
دۇيگۇ خانىم يىغىن پروگراممىسى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ۋە بىر قانچە كالمان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يىغىندا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل كېسەللىك بىلەن ياشاپ، بۇ كېسەل سەۋەبلىك ئۇچرىغان روھىي بېسىملارنى يېڭىش جەريانلىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ، ھاياتتا كۈچلۈك تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئاڭلاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ: «بۇ خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى پەرقلىق ياكى تۆۋەن كۆرۈش پسىخىكىسى شەكىللەندۈرۈۋالغان كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشكە ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاجلىقىنى ئاڭلىتىش تۈركىيە جەمئىيىتىدە زور بىر بۆسۈش» دەپ باھا بەردى.
دۇيگۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «چۈشىنىڭ، چۈشەندۈرۈڭ ۋە ياردەم قىلىڭ» دېگەندەك باسقۇچلار بويىچە داۋام قىلغان بىر كۈنلۈك بۇ يىغىندا، دەسلەپ ئامېرىكا بوستون ئىنستىتۇتىنىڭ «كالمان سىندرومى» كېسەللىكى تەتقىقاتى بويىچە مۇتەخەسسىس، دوكتور ئاندرېئە دۋايېر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان نېئىل سىمىت، «كالمان سىندرومى» كېسەللىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئاز ئۇچرايدىغان كېسەل بولۇپلا قالماي، بەلكى داۋالاش ساھەسى ئۈچۈنمۇ تېخى داۋاملىق تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر خىل تۇغما ئىرسىيەت كېسەللىكى ئىكەنلىكى شۇنداقلا ئۇنىڭ بىمارغا ئېلىپ كېلىدىغان پسىخىكىلىق سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بەرگەن.
ئىجتىمائىي ساھەلەرگە مەبلەغ سالغۇچى، يەنى مەزكۇر يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا ئاساسلىق ئىقتىسادنى تەمىن ئەتكەن ياپونىيەلىك ساخاۋەتچى فۇرۇسېيى مامىكو خانىم تەكلىپ بىلەن سۆز قىلىپ، بۇ خىلدىكى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك تەتقىقاتى ۋە بىمارلار ئۈچۈن جەمئىيەتنى كۆپلەپ ئەھمىيەتلىك خىزمەت قىلىشقا چاقىرغان.
ئاخىردا يەنە مېدىتسىنا ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، «كالمان سىندرومى» بىمارلىرىغا ئەمەلىي ياردەملەرنى قىلىش، بۇ كېسەللىك تەتقىقاتى ئۈچۈن ئەمەلىي پىلانلارنى تۈزۈش، مەخسۇس جەمئىيەت ۋە فوندلار قۇرۇش ھەققىدە پىكىر تەكلىپلەر بەرگەن ھەم مەسلىھەتلەر ئېلىپ بارغان.
دۇيگۇ خانىم بۇ «كالمان سىندرومى» كېسەللىكى تەتقىقاتى ۋە بىمارلىرى ئۈچۈن بىر ياخشى باشلىنىش ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بۇ ھەقتە مەخسۇس تېمىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
تۈركىيەدىن يىغىنغا قاتناشقان دوختۇر ئەخمەتجان پولات ئەپەندى، يىغىننىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى، شۇنداقلا مەزكۇر كېسەللىك ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بەردى.
مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولغۇچى، ئۆزىنىڭ «كالمان سىندرومى» بىمارى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم بۇ ھەقتە كىتاب يازغان رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ئۆزى 25 يىل ئۆزىنى كەمتۈك ھېس قىلىپ بۇ كېسەلنىڭ ئازابىنى تارتىپ ياشىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئۆزىدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ۋە كىشىلەرنى ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان مەزكۇر «كالمان سىندرومى» كېسەللىكى ھەققىدە دەسلەپكى تونۇشقا ئىگە قىلىشتىن سىرت يەنە بۇ خىل كېسەللىك بىمارلىرىنىڭ ئۈمىدلىك ياشىشىغا ئىلھام بېرىش ئىستىكىدە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇراخمان ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىدىن گەرچە ئۆزى بۇ خىل كېسەلگە مۇپتىلا بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما «كالمان سىندرومى» كېسەللىكى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىنى، شۇ خىل كېسەلنىڭ ئازابلىرىنى چېكىۋاتقانلارنىڭ ئۆزى ۋە جەمئىيەتكە توغرا يۈزلىنىشىدە ئىنسانىي ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بەرگەن دوكلاتلىرىدا، گەرچە «كالمان سىندرومى» دەپ ئاتىلىدىغان كەم ئۇچرايدىغان بۇ كېسەللىك، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك تۇغما كەمتۈكلۈك بولسىمۇ، نۆۋەتتە بۇ كېسەللىكنى داۋالاش جەھەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتلار كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ كېسەللىكنى بالدۇر بايقاش ۋە مۇنتىزىم كلىنىكىلىق داۋالاشتىن كېيىن، بىمارلاردا كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي غايىب بولۇش ۋە پەرزەنت كۆرۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى مىسال ئېلىپ ئۆتكەن.