مەكتەپ تۈزۈمىنىڭ قاتتىقلىقى بۇھەجەر ئابلانىڭ قازاغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.12.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
buhejer-abla-murajet.jpg ئۇيغۇر تورلىرىدا ئېلان قىلىنغان لەنجۇ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان بۇھەجەر ئابلانىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەمگە موھتاجلىقى ھەققىدە مۇراجىئەتنامە.
http://bbs.misranim.com

بىرقانچە كۈندىن بېرى ئۇيغۇر تورلىرىدا لەنجۇ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان بۇھەجەر ئابلانىڭ يىقىلىپ چۈشۈپ ئومۇرتقىسى زەخىملەنگەنلىكى، ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى ۋە داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەمگە جىددىي موھتاجلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە مۇراجەتنامىلەر تارقالدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇھەجەر ئابلا پېشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ دەرسكە چىقماقچى بولغىنىدا، ياتاق بىناسىنىڭ ئىشىكىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ دەرسكە چىقىش ئۈچۈن ياتاقنىڭ دېرىزىسىدىن ئارقان بىلەن سېرىلىپ چۈشۈپ 2‏-قەۋەتكە كەلگىنىدە قولى ئارقاندىن ئاجراپ كېتىپ يەرگە قاتتىق يىقىلغان ۋە ئومۇرتقىسى زەخىملەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار تا ھازىرغىچە ھەربىي تۈزۈمدە باشقۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، مەكتەپنىڭ تۈزۈمىنىڭ قاتتىقلىقى مەزكۇر قازانىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.