بىرقانچە كۈندىن بېرى ئۇيغۇر تورلىرىدا لەنجۇ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان بۇھەجەر ئابلانىڭ يىقىلىپ چۈشۈپ ئومۇرتقىسى زەخىملەنگەنلىكى، ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى ۋە داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەمگە جىددىي موھتاجلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە مۇراجەتنامىلەر تارقالدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇھەجەر ئابلا پېشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ دەرسكە چىقماقچى بولغىنىدا، ياتاق بىناسىنىڭ ئىشىكىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ دەرسكە چىقىش ئۈچۈن ياتاقنىڭ دېرىزىسىدىن ئارقان بىلەن سېرىلىپ چۈشۈپ 2-قەۋەتكە كەلگىنىدە قولى ئارقاندىن ئاجراپ كېتىپ يەرگە قاتتىق يىقىلغان ۋە ئومۇرتقىسى زەخىملەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار تا ھازىرغىچە ھەربىي تۈزۈمدە باشقۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، مەكتەپنىڭ تۈزۈمىنىڭ قاتتىقلىقى مەزكۇر قازانىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.