ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىم ئەزىز نارىنبايىف ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2015.11.23
eziz-narinbayef قىرغىزىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايېف ئالەمدىن ئۆتتى. 2015-يىل 20-نويابىر، بىشكەك.
Photo: RFA

قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادىمىكى، قىرغىزىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايىف 20-نويابىر كۈنى 91 يېشىدا بىشكەكتە ۋاپات بولدى.

21-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئەزىز نارىنبايىفنىڭ تەزىيە مۇراسىمىغا قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىمىيەسى ۋە قىرغىزىستان مىللەتلەر ئاسسامبىلىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى،ھەرقايسى ساھەدىكى ئالىملار ھەمدە بىشكەكتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 200گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن سۆز قىلغان قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ پرىزىدېنتى ئابدىغېنى ئېركىبايىف مۇنداق دىدى: «ئەزىز ئاكا ئىمانى تازا ئادەم ئىدى، بىز ئۇنى قىرغىزىستاندا پەلسەپە ئىلمىنىڭ ئەڭ بۈيۈك چوققىسىغا يەتكەن بىر ئىنسان سۈپىتىدە قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.»

قىرغىزىستان مىللەتلەر ئاسسامبىلىيەسىنىڭ رەئىسى بېكتېمۇر مىرزا ئىبراھىمۇف تەزىيە سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۈگۈن يالغۇز ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى پۈتۈن قىرغىزىستاننىڭ ئىلىم ساھەسى ئۈچۈنمۇ ئېغىر يوقىتىش بولدى. بۈيۈك تارىخ ۋە ئۆلمەس مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئەزىز نارىنبايىفقا ئوخشاش دۇنياغا تونۇلغان ئالىملىرىنىڭ بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.»

«ئىتتىپاق»جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىم ئۆز سۆزىدە مەرھۇم ئەزىز نارىنبايىفنىڭ يۈكسەك ئىنسانى پەزىلەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاق جەمئىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىن باشلاپلا ئەزىز ئاكا جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلگەن شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ كەمتەر، كىچىك پېئىللىقى، ئىلىمگە بولغان ئەستايىدىللىقى بىلەن ياشلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن ئىدى.»

ئەينى ۋاقىتتا ئەزىز نارىنبايىفنىڭ ئاسپىرانتورىيەسىدە تەربىيىلىنىپ، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىداتى دەرىجىسىگە يەتكەن دوتسېنت، «ئىتتىپاق»گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇن ئۆزىنىڭ ئۇستازى بولغان ئەزىز نارىنبايىفقا چۇڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەزىز ئاكىنىڭ ۋاپاتى بىلەن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بىردىن ‏- بىر ئاكادىمىكىدىن ئايرىلىپ قالدى. مەن ئىتتىپاق جەمئىيىتى مەركىزى كېڭىشى، ئىتتىپاق گېزىتى رىداكسىيەسى ھەمدە سورۇندىكى ئۇيغۇر جامائىتى نامىدىن ئەزىز ئاكىنىڭ ئايالى رايا ھەدىگە، پەرزەنتلىرىگە چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە ۋە تەزىيەدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمەن».

تەزىيە مۇراسىمىنىڭ ئاخىرىدا، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىلمىي خادىمى، دوكتور توققۇزاق ئۆمۈرزاقۇف مۇنداق دېدى: «ئەزىز ئاكىنىڭ ئادەمىگەرچىلىكى ۋە ياشلارنى تەربىيەلەشتىكى ئەستايىدىللىقى ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. ئۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەلسەپىسى، تارىخى، مەدەنىيىتى ساھەسىدە ناھايىتى كۆپ ئەمگەكلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ يارقىن ئوبرازى بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ».

ئەزىز ئەيساجان ئوغلى 1924-يىلى 24-ئاپرېلدا قىرغىزىستاننىڭ قاراقول شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1942-يىلى 18 يېشىدا فىرۇنزى پىداگوكىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ۋەتەن ئۇرۇشى باشلىنىپ، ئۇرۇش سېپىگە ئاتلانغان. 1945-يىلى يانۋاردا پۇتىدىن ئېغىر يارىدار بولۇپ قىرغىزىستانغا قايتىپ كەلگەن ھەمدە پىداگوكىكا ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، موسكۋا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پەلسەپە پەنلىرى فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ 1953-يىلى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۇپ قىرغىزىستانغا قايتىپ كەلگەن.

ئەزىز نارىنبايىف ئۆزىنىڭ خىزمەت يولىنى ئوقۇتقۇچىلىقتىن باشلىغان بولۇپ، 1953 -يىلدىن 1968-يىلغىچە فىرۇنزى پىداگوكىكا ئىنىستىتوتىدا مۇئەللىم، كافىدىرا باشچىسى، ئىنىستىتوت مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. 1968-يىلدىن 2010- يىلغىچە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ پەلسەپە ۋە ھوقوق پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ باشچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1979-يىلى پەلسەپە پەنلىرىنىڭ پروفىسسورى، 1989-يىلى ئاكادىمىيەنىڭ ئاكادىمىكى بولۇپ سايلانغان. 1994-يىلى قىرغىزىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى، 2002-يىلى پەخرى ئاكادىمىك نامىغا ئېرىشكەن.

ئەزىز نارىنبايىف پەلسەپە، تارىخ، مەدەنىيەتكە دائىر 20 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ ھەمدە 300 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى. ئۇ يەنە يۇقىرى بىلىملىك ئىلمىي خادىملارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، پەلسەپە پەنلىرى بويىچە يىگىرمە نەپەردىن ئارتۇق دوكتور ھەم كاندىداتلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.