خىتايدا ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرى جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.12.14
yunda-turubisi-zeherlik-may-305.jpg بىر قانۇنسىز زاۋۇتنىڭ كۆلچىكىگە يىغىۋېلىنغان مەينەت ماي. 2011-يىلى 10-ماي چۇڭچىڭ.
Imaginechina

خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرى سەۋەبىدىن بارغانچە كۆپىيىۋاتقان يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، سۈپەتسىز سانائەت مەھسۇلاتلىرى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەلىرى، تۇرالغۇ ئۆي، مەكتەپ، ئىشخانا بىنالىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى قاتارلىق ھەر خىل ھادىسىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىدا ھۆكۈمەتتىن ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرىغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىش تەلەپلىرى بارغانچە كۈچەيگەن ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. نۆۋەتتە خىتاي جەمئىيىتىدە ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان بۇ ئەھۋال خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭلا دىققەت مەركىزى بولۇپ قالماستىن، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ ناچار تاۋار مەھسۇلاتلىرى ۋە بۇ سەۋەبتىن يۈز بەرگەن پاجىئەلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىغان. چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بولسا، يېقىنقى يىللاردا خىتايدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرىغا بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان جىددىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

14-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان، خىتايدىكى ساختا، ناچار، زەھەرلىك تاۋار مەھسۇلاتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى «1520-يىلى جەمئىيەت كېسىلىگە ئايلانغان مەسىلىلەر» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئون نەچچە سائەت ئىچىدىلا خىتايدىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي تور بېكەتلىرىدە تارقىلىپ مۇنازىرە قوزغىدى.

ماقالىدە خىتايدا 2015-يىلى يۈز بەرگەن ساختا، ئۆلچەمسىز ھەتتا زەھەرلىك تاۋار مەھسۇلاتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەم ئۆلۈش، زەھەرلىنىش، يارىلىنىش ۋەقەلىرى بايان قىلىنغان. ماقالىدە بۇ يىللاردا خىتايدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ساختا، سۈپەتسىز، زەھەرلىك تاۋار مەھسۇلاتلىرى پاجىئەلىرىدىن بوۋاقلارنىڭ «سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى، يۇندىدىن ئايرىۋېلىنغان يېمەكلىك يېغى مەسىلىسى، ساختا گۆش مەھسۇلاتلىرى، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا چېچىلغان زەھەرلىك كۆكتات، زەھەرلىك مېۋە» قاتارلىقلار تەكىتلەپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، 2015-يىلى خىتايدا ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈپەتسىز تاۋار مەھسۇلاتلىرى ۋەقەلىرى «ئادەم يەيدىغان لېفىت»، «زەھەرلىك يۈگۈرۈش مەيدانى» قاتارلىق كىچىك ماۋزۇچاقلار ئاستىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ماقالىدە، 2015-يىل 1-يانۋاردىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر، خىتاينىڭ خۇبېي، شاڭخەي، گۋاڭجۇ قاتارلىق جايلىرىدا يۈز بەرگەن سۈپەتسىز لېفىت ھادىسىلىرىدە 38 ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسى، 15 شەھەردە يۈز بەرگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ يۈگۈرۈش مەيدانىدا زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىپ، ئەگەر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە جايلاردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر «جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، خىتايدىكى ناچار-سۈپەتسىز تاۋار مەھسۇلاتلىرىغا ۋە ھايانكەش سودىگەرلەرگە زەربە بەرمەيدىكەن، ئۇ ھالدا خىتاي خەلقىنىڭ ساختا، ناچار تاۋار مەھسۇلاتلىرىغا بولغان نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ، جەمئىيەتتە زور كۆلەملىك "قالايمىقانچىلىق" كېلىپ چىقىدىغانلىقى» ئاگاھلاندۇرۇلغان.

غەرب دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە، خىتايدا ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا چەكلىنىپ كېلىۋاتقان تېمىلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يېقىندىن بۇيان ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ھادىسىلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئەنگلىيەدىكى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، يېقىنقى يىللاردا خىتايدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىنى نەقىل ئېلىپ، ساختا سۈت پاراشوكى ۋەقەسى، ساختا گۆش مەھسۇلاتلىرى ۋەقەسى، يۇندىدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىك يېغى ۋەقەلىرىنى نەقىل ئېلىپ بۇ ۋەقەلەرنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدىلا ۋەھىمە پەيدا قىلىپ قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا، خىتايدا ئىشلەنگەن يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشتەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى پۈتكۈل دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرى ۋە بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ۋەقەلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بېرىشكە باشلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا «ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بار» دېگەن قاراشنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە بۇ خىل نارازىلىقنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ، خىتاي جەمئىيىتىدە ئاممىۋى نارازىلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى بۇ جەھەتتە مەلۇم تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يېقىندىن بۇيان بۇ خىل ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، ئەمما يەنىلا خىتاي پۇقرالىرىدىن يوشۇرۇن تۇتۇلۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ تېخى ئاشكارىلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.