ئۇيغۇرلار نورۋېگىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگىلى 20 يىلدىن ئاشتى. نورۋېگىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، نورۋېگىيەدە تەخمىنەن 2000 غا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ.
نورۋېگىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشلار كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە تەشكىللىشى ۋە مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا 2007-يىلى «ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى »رەسمىي قۇرۇلغان.
بۇ پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ، نورۋېگىيەنىڭ بەش شەھىرىدە تارماق كوماندىلارنى قۇرغان.
ئۇيغۇر ياشلار دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ كوماندىلار ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ، دوستلۇق مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق ياشلار ئۆز-ئارا تونۇشىدىغان، دوستلۇق، قېرىنداشلىق بەرپا قىلىپ ئۇيغۇر داۋا سېپىنى كۈچلەندۈرۈشكە تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى نورۋېگىيە ئىچىدە ھەمدە نورۋېگىيەدىكى باشقا ئىشتىن سىرتقى كوماندىلار ئارا دوستلۇق مۇسابىقىسى ئويناپلا قالماي، بەلكى شىۋېتسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر كوماندىلار بىلەن يىلدا بىر قېتىم دوستلۇق مۇسابىقىسى ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
قوشنا دۆلەتتىكى ئۇيغۇر كوماندىلار بىلەن پەقەتلا مۇسابىقىدىكى نەتىجىنى نىشان قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆز-ئارا تونۇشۇش، دوستلۇق ئورنىتىش، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر داۋا سېپىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئاساس سېلىش مەقسىتىدە توپ ئويناپ، پۇتبول ۋاسىتىسى بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتمەكتە.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كوماندىسى 2011-يىلى گوللاندىيەدە، 2013-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «رابىيە خانىم لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىغمەت تۈرسۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، نىشان-غايىلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەسئۇلى مۇتەللىپ ئەپەندى كوماندىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئاساسلىق مۇسابىقىلەردە كوماندا باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئېلىۋاتقان كوماندا ئەزاسى مۇزەپپەر زىيارىتىمىز جەريانىدا، پۇتبول ئارقىلىق قېرىنداشلىق، دوستلۇقنى، ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە پۇتبول مۇسابىقىلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىپ، ئۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا پايدىسى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەر قېتىملىق مۇسابىقىلەردە پۇتبول كوماندىسىغا ئىزچىل تۈردە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇپ كەلمەكتە.