خوتەن دېھقانلىرى ھەپتىدىن بۇيان كەلكۈن بىلەن ئېلىشماقتا

0:00 / 0:00

ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان تومۇز ئىسسىق تەسىرىدە مۇز تاغلار تېز ئېرىپ، يۇرۇڭقاش، قاراقاش دەريالىرىغا 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك كەلكۈن ئاپىتى كەلدى، ئىككى دەريا ۋادىسىدا دېھقانلار ئىقتىسادىي چىقىم، ھاياتى خەۋپكە قارىماي كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرمەكتە.

گەرچە خەۋەرلەردە بۇ ئاپەتنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك تەبىئىي ئاپەتلىكى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ئامما بۇ دەريا ۋادىلىرىدا يىللاردىن بۇيان داۋام قىلغان تەرتىپسىز قاش تېشى قېزىش ھەرىكەتلىرىدە دەريانىڭ ئىككى قېنىدىكى تەبىئىي تاش توساقلارنىڭمۇ بۇزۇلۇشى سەۋەبلىك پەسىللىك كەلكۈننىڭ يىلدىن-يىلغا ئېغىر ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا.

خوتەن ۋىلايىتى مەمۇرىي تورىنىڭ 31-ئىيۇل خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەننىڭ قاراقاش ۋە يۇرۇڭقاش دەرياسىدا سۇ ئېقىنى ھازىرمۇ ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش، خوتەن ناھىيىلىرىنىڭ بىر قىسىم كەلكۈن توسۇقلىرى، يول ۋە بىر قىسىم ئېتىزلىرىنى بېسىپ كەتكەن، قاراقاش ۋە يۇرۇڭقاش دەريالىرىدا يۈز بەرگەن 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى ھېسابلانغان بۇ شىددەتلىك كەلكۈن ئاپىتى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھەپتىدىن بۇيان ئىككى ناھىيىدىكى 15 مىڭ ئەتراپىدا دېھقان ۋە بىر قىسىم ئەسكەرلەر ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز، خەتەرلىك ۋە جاپالىق ئەمگەك قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يۇرۇڭقاش دەريا بويىدىكى خوتەن ناھىيىسىنىڭ خانئېرىق كەنتىدە، تاشقىن دائىرىسى 19 كىلومېتىرغا يەتكەن بولۇپ، كەلكۈن ئاپىتىدە 11 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيلىرى ۋە يەنە 8 مىڭ مو شاللىق ۋەيران بولغان. كەلكۈننىڭ خەۋپى تۇراقسىز بولۇپ دېھقانلار ھەر زامان ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە تۇرماقتا ئىكەن.

بۈگۈن خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، كەلكۈن قاراقاش ۋە خوتەن ناھىيىلىرىدىكى 10مىڭ مېتىردىن ئۇزۇن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش دەريا توسۇقلىرىنى 315 -دۆلەت تاش يولىنىڭ بىر قىسىم بۆلەكلىرىنى ۋە بىر قانچە كۆۋرۈكلەرنى بۇزۇۋەتكەن، 336 مو دېھقانچىلىق يەر مەيدانلىرىنى يۇتۇپ كەتكەن. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، كەلكۈن ئاپىتىنىڭ 3-ئاۋغۇستقىچە كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي زىيىنى 300مىليون سومدىن ئاشقان.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خانئېرىق تەۋەلىكىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ياش دېھقان كادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسىدا يۈز بەرگەن 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى ئىكەنلىكىنى، كەلكۈن مۇز تاغلارنىڭ شىددەت بىلەن ئېرىشىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، تىزگىنلەش ئىشلىرىنىڭ ئۇنچە ئاسان بولمايدىغانلىقىنى، دەرياغا سۇنىڭ قانچىلىك كېلىشىمۇ ھاۋا تېمپېراتۇرىسىغا باغلىق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خانئېرىقتا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە دېھقانلار گاھىدا شىددەتلىك ئېقىندا ئېقىپ كېتىش خەۋپىگە قارىماي، كېچە-كۈندۈز كەلكۈن بىلەن ئېلىشىۋاتقان بولۇپ، كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرىدىغان توسۇق ياسايدىغان ماتېرىيال تاشلارنىمۇ سېتىۋېلىشقا مەجبۇر ئىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ دېھقان يەنە، يېقىنقى ئون يىللاردىن بۇيان كەلكۈن ئاپەتلىرى يۇرۇڭقاش دەريالىرىدا دائىم كۆرۈلۈپ كەلمەكتە شۇنداقلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىق ۋە ئاپەت بارغانچە ئېغىر بولماقتا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ خانئېرىقلىق دېھقان بۇ يىگىت، دەريادا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل ئېغىر ئاپەتلەر، دەريادىكى كەلكۈندىن تەبىئىي مۇداپىئە كۆرىدىغان تاش توسۇقلارنىڭ قاش تېشى قازغۇچىلار تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.