خوتەن لايقا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.10.04
hotan-mektep-305.png خوتەندىكى بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى
AFP


ئاشكارىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن يەنى ئۆتكەن ئاينىڭ 26 - كۈنى خوتەننىڭ لايقا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ۋەقەدە 190 نەپەر بالا ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەھەرلىنىپ شۇ كۈنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ ھەقتە خوتەندىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن مەلۇمات ئىگىلىدى. ئالاقىدار شەخسلەر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە كۆلىمىنى بۇرمىلاش ۋە كىچىكلىتىشكە تىرىشتى. لايقا باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى مەتتۇرسۇن، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بالىلار سانىنى 51 دەپ كۆرسەتسە، بالىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلەنگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ «بۇلار مەكتەپكە ناشتا قىلماي كېلىپ، بىنورماللىشىپ قالغان بالىلار» دەپ چۈشەندۈردى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

خادىم: خوتەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى!

مۇخبىر: ماڭا بۇزاق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تېلېفونىنى دەپ بەرسىڭىز؟

خادىم: يېزىلىق مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرىنىڭ تېلېفونىنى دەپ بېرەي....

مۇخبىر: تاماقتىن زەھەرلەنگەن بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھازىر قانداق؟

خادىم)مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرى(: ئۇ بىزنىڭ يېزىدا بولمىدى، لايقا باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەردى.

مۇخبىر: لايقىدا شۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، سىلەر بۇ ھەقتە بىخەتەرلىك تەدبىرىلىرى قوللانمىدىڭلارمۇ؟

خادىم: قوللاندۇق، ئاشخانا ۋە يېمەك ئىچمەكلەرنى ئومۇميۇزلۇك تەكشۈردۇق، بىزدە غەيرىي نورمال ئەھۋال كۆرۈلمىدى.

مۇخبىر: لايقىدىكى ۋەقەدە قانچىلىك بالا تاماقتىن زەھەرلەنگەن.

خادىم: دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغىنى 80 نەچچە بالا دەپ ئاڭلىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە 3 نەپىرى جىددىيراقكەن، ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكۈلۈپتۇ.

مۇخبىر: سىز لايقا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى مەتتۇرسۇنمۇ؟

خادىم: ھە مەن شۇ.

مۇخبىر: مەن سىلەرنىڭ مەكتەپتە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە بىر مەلۇمات ئالاي دېگەنتىم؟

خادىم: نەدە ۋەقە يۈز بېرىپتۇ؟ نېمە ۋەقەكەن ئۇ؟

مۇخبىر: ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى.

خادىم: تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى ئەمەس ئۇ!

مۇخبىر: ئەمىسە قانداق ۋەقە؟

خادىم: ۋەقە يۈز بەرمىدى دېدىمغۇ؟

مۇخبىر: سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى ئومۇمى ئوقۇغۇچى سانى قانچە؟

خادىم: 2599

مۇخبىر: ھەممىسى ئۇيغۇرغۇ دەيمەن؟

خادىم: شۇنداق.

مۇخبىر: شۇ كۈنى تاماقتىن زەھەرلەنگەن بالىلارنىڭ سانى قانچە؟

خادىم: كىم سىزگە مۇشۇنداق مەلۇمات يەتكۈزدى؟

مۇخبىر: بىز ناھىيە ۋە ۋىلايەتلىك مائارىپ تارماقلىرىدىن ئەھۋالنى ئىگىلەپ بولدۇق، ئۇلار ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى سىزدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. شۇ كۈنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بالىلارنىڭ سانى ھەققىدە 20 نەچچە، 80نەچچە ۋە 190 دېگەن ئۈچ خىل سان بار قايسى توغرا؟

خادىم: 51

مۇخبىر: تاماقتىن زەھەرلەنگەن بالىلارنىڭ ئومۇمى سانى قانچە؟

خادىم: تاماقتىن زەھەرلىنىش يوق، تاماقتىن زەھەرلەنسە 2مىڭ نەچچە يۈز بالىنىڭ ھەممىسى زەھەرلەنمەمدۇ؟

مۇخبىر: ئۇنداقتا، ئۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان 51 بالا نېمىگە ئاپىرىلغان؟

خادىم: شۇ بىنورمال ئەھۋال بايقالغان، تاماقتىن زەھەرلەنمىگەن.

مۇخبىر: شۇ بىنورماللىق نېمىدىن يۈز بەرگەن، ئۇ قانداق بىنورماللىق؟

خادىم: قىززىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، باش قېيىش.

مۇخبىر: نېمە سەۋەبتىن مۇشۇنداق بىنورماللىق كېلىپ چىققان؟

خادىم: ئەتىگەندە ناشتا قىلماي كەلگەن بالىلار ئىكەن، ئاتا - ئانىلىرىدىن سوراپ بىلدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تالادا ئەخلەت تاماقلارنى يەپ شۇنداق بوپتۇ.

مۇخبىر: 50 نەچچە بالا تەڭلا ناشتا قىلماي كەلگەنمىكەن؟

خادىم: ياق، 50 نەچچە ئەمەس 8، دەسلەپتە بىنورماللىق كۆرۈلگىنى، ئۇلاردا بىنورماللىق بولغاندىكىن، سىنىپقا كىرىپ يەنە قايسىڭلار بىنورماللىشىۋاتىسىلەر دەپ سورىساق، كىچىك بالا بولغاچقا مەندىمۇ، مەندىمۇ بار دەپ 50 نەچچە بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق، ھەممسى ياخشى بولۇپ مەكتەپتە ئەتىسى دەرس باشلىدى.

مۇخبىر: بالىلاردىكى بىنورماللىق ئەڭ دەسلەپ قەيەردە، قانداق بايقالدى؟

خادىم: بالىلار مەكتەپتىن قايتقان، شۇ 8 بالىنىڭ مىجەزى يوق بولىۋېتىپتۇ دەپ خانىملار يەتكۈزدى، ئاندىن ئاتا - ئانىلىرىنى چاقىرتىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

مۇخبىر: سىز دېگەن شۇ بىنورماللاشقان بالىلار، مۇئەللىملىرىنى ئىزدەپ بىز بولالمايۋاتىمىز دەپتىمۇ ياكى بۇ بالىلار يىقىلىپ قالغان ياكى قۇسقان ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچىلىرى بايقاپ سىزگە مەلۇم قىلدىمۇ؟

خادىم: بۇ ئەھۋاللارنى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىدىن سوراڭ، شۇنىڭ تېلېفونىنى دەپ بېرەي...

مۇخبىر: ياق سىزدىن سورايمىز، ئەگەر جاۋاب بېرىشتىن ئەندىشە ھېس قىلسىڭىز، ئوچۇقىنى دەڭ، مەكتەپتىكى ئۆزىڭىزدىن بىر دەرىجە يۇقىرى باشلىق بىلەن سۆزلىشەيلى.

خادىم: مەكتەپنىڭ مۇدىرى مەن. بۇ يەردە قورقىدىغان ئىش يوق.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، نېمىشقا تەپسىلىي ۋە ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيسىز؟

خادىم: بۇلارنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟

مۇخبىر: جانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، شۇڭا بۇ ئىشلار سورىلىدۇ.

خادىم: تاماقتىن زەھەرلىنىش يۈز بەرمىدى، ئۇنداق ئىش يوق.

مۇخبىر: ئەمىسە ۋەقەنى 50 نەچچە بالىنىڭ ناشتا قىلماي كېلىپ بىنورماللىشىش ۋەقەسى دەمدۇق؟

خادىم: ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.

مۇخبىر: نېمىشقا «سائەت مانچىدە مۇنداق ئالامەت بايقالدى بالىلاردا، مۇنچە بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق، نەتىجىدە مۇنداق بولدى» دەپ راۋان گەپ قىلالمايسىز؟

خادىم: ئەمىسە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ تېلېفونىنى بەردىم، شۇنىڭدىن سوراڭ قالغان ئەھۋللارنى. بىزدە تاماقتىن زەھەرلىنىش بولمىدى.

مۇخبىر: لايقا ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى ئىماممەمەتمۇ؟

خادىم: ھە، مەن شۇ؟

مۇخبىر: لايقا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋەقە سىلەرگە قانداق ئۇقتۇرۇلدى؟

خادىم: مەكتەپنىڭ ئاشخانا قۇرۇلۇشى تېخى پۈتمىگەن ئىكەن، شۇ كۈنى مەكتەپ سىرتتىن تاماق ئەكىرىپ تارقاتقان ئىكەن. شۇ تاماقنى يىگەن بىر قىسىم بالىلارنىڭ كۆڭلى ئاينىپ، بېشى قېيىپ نورمالسىزلىق بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى. بىزمۇ شۇ كۈنى بۇيرۇق بويىچە نەق مەيدانغا - دوختۇرخانىغا يېتىپ باردۇق، ئاندىن ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ يەنە باشقا بالىلاردا شۇنداق ئالامەتلەر بارمۇ تەكشۈردۇق.

مۇخبىر: ۋەقەدە زەھەرلەنگەن بالىلارنىڭ ئومۇمى سانى قانچە؟ ئۆلگەنلەر بارمۇ؟

خادىم: بىلىشىمچە ئۆلگەنلەر يوق، زەھەرلەنگەنلەرنىڭ سانىنى دەپ بېرەلمەيمەن. بۇ ھەقتە رەسمىي خۇلاسە تېخى چىقمىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا خوتەننىڭ لايقا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.