ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى سوتى ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى
2016.12.01
ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى سوتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 2-3 ئايدىن بېرى تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان دىنى زات ۋە پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى. قاراردا ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتايغا ۋە تۈركىيەدىن باشقا ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىشكە بولمايدىغانلىقى ھەم سوتتىن بىخەۋەر ئىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بىز بۇ قارار توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئادۋوكاتى ئىبراھىم ئەرگىن ۋە ياپچان مەسىلىسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى سوتى چىقارغان ياپچان توغرىسىدىكى قارار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «نورمالدا سوت قارار چىقىرىدۇ، ھۆكۈمەتلەر ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ. تۈركىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ياپچاننى خىتاي بىلەن قازاقىستانغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقارغان ئىدى. ئەمما، بىزنىڭ چەتئەللىكلەر توغرىسىدا 68 نومۇرلۇق بىر قانۇنىمىز بار، بۇ قانۇننىڭ 52-53-ماددىلىرىدا چەتئەللىكلەرنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتكىلى بولىدۇ دېيىلگەن. ياپچاننى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە ئەۋەتسە خىتاينىڭ ئېلىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقى تۈپەيلىدىن، بىز تۈركىيە ئاساسى قانۇن سوت ئىدارىسىنىڭ قارارىنى يېتەرلىك كۆرمىگەچكە ياۋروپا بىرلىكى ئىنسان ھەقلىرى مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلغان ئىدۇق. بىزنىڭ تەلىپىمىزگە بىنائەن ئابدۇقادىر ياپچاننى ھېچقانداق دۆلەتكە يوللىماسلىقى توغرىسىدا بىر قارار ماقۇللىدى.»
ئىبراھىم ئەرگىن ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرغىچە ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىغا رىئايە قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھازىرغىچە ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىغا رىئايە قىلدى. بىز تۈركىيەنىڭ يەنە رىئايە قىلىشىنى كۈتىمىز. رىئايە قىلماسلىقى مۇمكىنمۇ دېسىڭىز؟ مۇمكىن، بۇ سىياسىي بىر ھەرىكەت بولىدۇ. ھازىر تۈركىيەنىڭ پۇت قولى باغلاندى، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ياپچاننى قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. ئەمما خىتاي تۈركىيەگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ. تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرسەم دەيدۇ. ئەمما قىسقىسى ياپچان مەسىلىسىدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھازىر ياخشى.»
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەنمۇ مەزكۇر قارار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، تۈركىيە ئىستانبۇل سوت ئىدارىسى ۋە تۈركىيە ئاساسىي قانۇن ئىدارىسىنىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا ئالغان قارارى بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ماقۇللىغان قارارىنى كۆرگەندىن كېيىن بىرئاز خاتىرجەم بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، دىنىي زات ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن يول مېڭىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى ئاساسىدا يەنە تۈركىيە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئىلتىماس سۇنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇقادىر ياپچان 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بېرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى نەزارەتخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.