ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ جەسىتى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.06.07
abdureshit-seley-3.jpg يىغىۋېلىش لاگېرىدىن ئائىلىسىگە يىغىۋېلىش لاگېرى قايتۇرۇلغان ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىم.
Social Media

تۈنۈگۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نىلقا ناھىيەسىدىكى دىنىي زات ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» دا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ تۈركىيەدە ياشاپ ئۆتكەن ۋەتەنپەرۋەر جامائەت ئەربابى، مەرھۇم سەلەي ھاجىمنىڭ بەشىنچى ئوغلى ئىكەنلىكى، سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» دىن غۇلجا شەھىرىنىڭ خەنبىڭ يېزىسىدىكى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە چېتىلىپ 5 يىل تۈرمىدە ياتقانلىقىمۇ مەلۇم بولدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نىلىقا ناھىيەسىدىكى ئابدۇرېشىت ھاجى دېگەن كىشىنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» دا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. چەتئەللەردىكى ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ كىملىكىدىن خەۋەردار كىشىلەر مەرھۇمنىڭ نىلقىدا چوڭ بولغانلىقى، ئەمما كېيىنكى يىللاردا غۇلجا شەھىرىنىڭ خەنبىڭ يېزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ ياشىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بىز بۇ خەۋەرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدىكى ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

غۇلجا شەھىرىدىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ بەزىلىرى ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتسا، يەنە بەزىلىرى بۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر، ئۆلگۈچىنىڭ 1980‏‏-يىللاردىن 2010-يىللارغا قەدەر تۈركىيەدە ياشاپ ئۆتكەن تونۇلغان جامائەت ئەربابى مەرھۇم سەلەي ھاجىمنىڭ 5‏-ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئۆلگۈچىنىڭ چەتئەلدىكى بىر قېرىندىشىنى زىيارەت قىلدۇق ۋە تۆۋەندىكىچە مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق:

مەرھۇم ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجى 9 ئايدەك «يىغىۋېلىش لاگېرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالدىنقى كۈنى، يەنى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بېشى داكا بىلەن تېڭىلغان ھالەتتە جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. دائىرىلەر جەسەتنى ئائىلىسىدىكىلەرگە تاپشۇرغاندا جەسەتنىڭ باش قىسمىنى ئېچىپ كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھەتتا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇپراق بېشىغا بىللە چىقىشىغىمۇ يول قويمىغان.

بىز ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ ئۆلۆم سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدىكى باشقا ئىدارە-ئورگانلارغىمۇ تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملار ئىزچىل ھالدا ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى، خەۋىرى بولغان تەقدىردىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى قېرىندىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەرھۇم 1997‏-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» گە چېتىلىپ ئۆزى 5 يىللىق، بىر ئوغلى 3 يىللىق كېسىلگەن ئىكەن. جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن تىجارەت، خەير-ساخاۋەت ۋە خالىس دىنىي تەلىم-تەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىم بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا رېماتىزم كېسىلى قوزغىلىپ يېرىم پالەچ بولۇپ قالغان ۋە ماڭالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالغان.

8 پەرزەنتى ۋە ئون نەچچە نەۋرىسى بولغان ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىم ماڭالماس ھالىتىدە تۇرۇپمۇ بۇلتۇر 9-ئايدا «يىغىۋېلىش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىم لاگېردا 9 ئاي ياتقاندىن كېيىن، ئائىلىسىگە جەسىتى قايتۇرۇلغان.

مەرھۇمنىڭ باش قىسمىنىڭ نېمە ئۈچۈن تېڭىلغانلىقى ۋە نېمە سەۋەبتىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېچىپ كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.