شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش-ئاخىرى (12)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.07.21
babur-mexsut-namayish.jpg سىتوكھولمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشىنى كۆزىتىپ تۇرغان جاسۇس – بابۇر مەخسۇت (ئىستەرىلكىدا كۆرسىتىلگەن قارا كۆزەينەك تاقىغان كىشى).
Sherqiy Türkistan Teshwiqat Merkizi


12- قىسىم: جاسۇسنىڭ ئاقىۋىتى

2010-يىلى مارتتا شىۋېتسىيە سوتى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان ئۇيغۇر جاسۇسنى دەسلەپ قەدەمدە 1 يىل 4 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.

كېيىنچە ئۇنىڭ شىۋېتسىيە ئالىي سوتىقا سۇنغان نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ، يەنە 6 ئايلىق تۈرمە جازاسى قوشۇلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا شىۋېتسىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بىر مەھەل تەشۋىش ۋە ۋەھىمىگە سالغان مەزكۇر جاسۇسلۇق دېلوسىدىكى جاۋابكار ئاخىرى 1 بىر يىل 10 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر جاسۇس شىۋېتسىيە تۈرمىسىدىكى قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىپ قايتىپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ كېيىنكى ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟ ئۇ يەنە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىگە قايتىپ كەلدىمۇ ياكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن مەڭگۈگە تاشلىۋېتىلدىمۇ؟

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم جامائەت ۋەكىللىرى ئۆز بايانلىرى ئارقىلىق شىۋېتسىيە قانۇنىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن تاشلانغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرىنىڭمۇ جامائەتكە يېقىن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ۋە ھازىرقى ئاكتىپ پائالىيەتچىلەردىن بىرى بولغان قۇربانجان مۇداش جاسۇسنىڭ ئۆز قىلمىشى ئارقىلىق ئۆزىگە ۋە ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈ يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىغان قارا داغ  قالدۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ شىۋېتسىيەگە يەرلەشكەندىن كېيىن 62 ياشلىق جاسۇسنىڭ ئوۋ نىشانىغا ئايلانغان ئادىل ھېكىمجان ئۆزىنىڭ ۋە ۋەتەندىكى خوتۇن-بالىلىرىنىڭ جاسۇسنىڭ سەۋەبىدىن جۇدالىق قىسمىتىگە دۇچار بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇنداقتا، 1 يىل 10 ئايلىق قاماق جازاسىنى تۈگىتىپ قايتىپ چىققان ئۇيغۇر جاسۇس بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نەزەرىدىن پۈتۈنلەي  غايىپ بولدىمۇ؟

بۇ سوئالغا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئىنتايىن ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بايان بېرىدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىلەر بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇر جاسۇس بىلەن باردى-كەلدى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆز ئاڭلىغانلىقىنى تەستىقلايدۇ.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېخى يېقىنقى كۈنلەردە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بابۇر مەقسۇت ئۈچۈن چاپان يېپىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۇنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىش ئويۇنىنى قايتا ئويناۋاتقانلىقى مەلۇم…

ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا شىۋېتسىيەدىكى جاسۇسلۇق دېلوسىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قالدۇرغان ئاچچىق تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن جامائەتچىلىكنى خىتاي جاسۇسلىرىدىن ھۇشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ.

(12-قىسىم تۈگىدى، داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.