بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

يەكشەنبە كۈنى خىتايدا چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى بو شىلەينىڭ كومپارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر خىتاي تور بېكەتلىرى ھەم خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئىنكاس قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.08.27
gu-keyley-sot-305.jpg بو شىلەينىڭ خوتۇنى گۇ كەيلەي خەيرىۋودنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 9-ئاۋغۇست، خېفىي.
AFP

ئۆتكەن ھەپتە سابىق چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەيگە ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيرىۋودنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتى سابىق چۇڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەينىڭ بۇندىن كېيىنكى ئاقىۋىتىگە مەركەزلەشتى.

خىتاي تور بېكەتلىرى ھەم چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا بېيدەيخېدا ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا بو شىلەينى خىتاي كومپارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ئېلىنغان. تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە يەنە، بو شىلەينىڭ ھازىر بېيجىڭدىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ تارقالغان.

تۈنۈگۈن 26-ئاۋغۇست كۈنى ياپونىيىنىڭ «ئاساخى شىنبىن» گېزىتىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بېيدەيخېدا يىغىن ئېچىپ، بو شىلەينى كومپارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېسىلدى. خەۋەردە يەنە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، بو شىلەينىڭ خىتاي كومپارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ياپونىيىنىڭ «ئاساخى شىنبىن» گېزىتىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بو شىلەينى خىتاي كومپارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىنىڭ ئېلىنىشى، بېيدەيخېدا يىغىن ئېچىۋاتقان خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن ئىلگىرىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ كەسكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن گۇرۇھىدىكىلەر بو شىلەيگە ئېغىر جازا بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى بو شىلەينى قوغداش تەشەببۇسىغا قارشى تۇرماقتا» دېيىلگەن.

خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردىمۇ، جياڭ زېمىن تەرەپدارلىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمىدا ۋەزىپە ئېلىش تەشەببۇس قىلىنغان غوللۇق ئادەملىرىدىن بىرى بولغان بو شىلەينىڭ جازالىنىشى، جياڭ زېمىن گۇرۇھى ئۈچۈن ئېغىر زەربە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

بۈگۈن بو شۈن تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە «بو شىلەينىڭ خىتاي كومپارتىيە ئەزالىقىدىن چىقىرىلىش قارارى، بۇ يىل كۈزدە خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىغا توغرا كەلدى. بۇ خىتايدا جياڭ زېمىن تەرەپدارلىرى بىلەن خۇ جىنتاۋ تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە خۇ جىنتاۋ تەرەپدارلىرىنىڭ جياڭ زېمىن تەرەپدارلىرىغا بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق ئەجەللىك زەربىسى بولدى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

بو شىلەيگە كەلگۈسىدە يەنە قانداق كونكرېت جىنايەتلەر ئارتىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا، بو شىلەينىڭ پارتىيىدىن چىقىرىلىشنىڭ بو شىلەيگە بېرىلگەن جازانىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەمەسلىكى تەكىتلىنىپ، بو شىلەينىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدىكى بارلىق سىياسىي ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، قانۇنىي جازاغا تارتىلىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

بو شىلەينىڭ قىلمىشلىرى ھەم ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ قاتىللىق جىنايىتىگە ئائىت سەتچىلىكلەرنى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا ئاشكارىلىۋەتكەن چۇڭچىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈن «دۆلەت مەئىپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىپ، خەيرىۋودنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان تۆت نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك رازۋېتچىككىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى گۇ كەيلەي ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت نەتىجىسىنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارا تارقاتقان بولسىمۇ، ئەمما چۇڭچىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈن ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنىڭ ئەھۋالى، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدۇ دېگەن باھانىدە مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلانمىغان ئىدى.

جياڭ زېمىن گۇروھىنىڭ غوللۇق ئادىمى، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى بو شىلەينىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى دەپ قارالغان ۋاڭ لىجۈن ئىلگىرى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ پاناھلىق تىلىگەندە، بو شىلەينىڭ ئۆزىگە قەست قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيىلىك سودىگەر خەيرىۋودنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە دائىر سەتچىلىكلەرنى ئاشكارىلىۋەتكەندىن كېيىن، بۇ يىل 3-ئايدا بو شىلەي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەي قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.