0:00 / 0:00
خىتاي تەرەپ پاكىستانلىق بىر تىجارەتچى ئارقىلىق ئافغانىستانغا يولغا سالغان سابىق ئالاھىدە خادىم يۈسۈپجاننىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئافغانىستاندىكى بىر گۇرۇپپا مۇجاھىدلار ئارىسىدا 5 ئايچە تۇرغان.
شۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەمىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش مەيدانلىرىدىمۇ بولغان. ئەمما ئۇ ئۆزىگىمۇ نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئافغانىستاندا بار دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر قوراللىقلىرى بىلەن ئۇچرىشالمىغان 5 ئاي جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى خىتاي ساقچىلىرىغا ئىزچىل مەلۇم قىلىپ تۇرغان يۈسۈپجان كېيىنچە سالامەتلىك ئەھۋالىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن يەنە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئافغانىستاندىن پاكىستانغا داۋالىنىشقا قايتىپ كەلگەن.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ يۈسۈپجان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلىغايسىلەر.