لاگېردىن 24 سائەتلىك قويۇپ بېرىلگەن خانىم: ساقچىلار سوراقنى تۈگەتمەيدۇ، باھانە تېپىپ ئۇرىدۇ
2019.02.26
لاگېردا يېڭىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان ئائىلىسى بىلەن 24 سائەتلىك كۆرۈشتۈرۈش تۈزۈمى بويىچە لاگېردىن چىققان بىر خانىم، بۇ پۇرسەتتە تۈركىيەدىكى تۇغقىنى - پائالىيەتچى زۇلپىقار ئەلىگە تېلېفون قىلىپ ئۆزى ۋە لاگېردىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۆزلىرىنىڭ لاگېردىن ئامان چىقىشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدى ئۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ خانىم، لاگېردا ساقچىلارنىڭ تۇتقۇنلارنى تىنىمسىز سوراق قىلىدىغانلىقى ۋە باھانە تېپىپ ئۇرىدىغانلىقىنى پاش قىلغان؛ ئۇ يەنە بەدىنىدىكى قىيىن-قىستاق ئىزلىرىنىمۇ كۆرسەتكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى 24 سائەتلىك ئائىلىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ تۇتقۇنلار بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن ۋە قولىغا كويزا سېلىنغان ھالەتتە لاگېردىن ئائىلىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ، مۆھلەت توشقاندىن كېيىن يەنە شۇ ھالەتتە لاگېرغا ئەكېتىلگەن. نۆۋەتتە قانچىلىك كىشىنىڭ ۋە قانداق كىشىلەرنىڭ بۇ تۈزۈم بويىچە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. مانا مۇشۇ پۇرسەتتە لاگېردىن چىققان بىر خانىم، تۈركىيەدىكى تۇغقىنى، پائالىيەتچى زۇلپىقار ئەلىگە تېلېفون قىلىپ لاگېردا تارتقان دەرد-ئەلەملىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئاشكارىلىغان.
تېلېفوندا يىغلاپ تۇرۇپ گەپ باشلىغان بۇ خانىم، ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆيىگە ئەكېلىپ قويۇلغانلىقى ۋە ئەتىسى يەنە ئەكېتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. زۇلپىقار تېلېفون كامېراسىدا خانىمنىڭ بىلىكىدىكى ئىزلارنى كۆرۈپ سورىغان:
سولا: نېمىنىڭ ئىزى ئۇ؟
جاۋاب: ئۆتكەن كۈنى ساقچىلار ئۇرغانتى مېنى.
سوئال: نېمە بىلەن؟
جاۋاب: پىدەي بىلەن.
سوئال: ئەسكەرلەرمۇ؟
جاۋاب: ساقچىلار.
سوئال: ئۆگىنىش قىلىپ بولالمىدىڭ دەپ؟
جاۋاب: خەققە ياردەم قىلدىڭ دەپ. باشقىلارغا بىر تال مومىنىمۇ بېرىشكە بولمايدۇ بۇ يەردە.
سوئال: يەنە نېمە ئىش قىلدى؟
جاۋاب: ئۇردى. ھەپتىدە 3 قېتىم ئۇرىدۇ.
سوئال: ھەپتىدە 3 قېتىم ئۇرىدۇ؟ بىكاردىن بىكارغىمۇ؟
جاۋاب: سوراق سورايدۇ-دە بۇ يەردە!
سوئال: سوراپ بولمىدىمۇ ئۇ سوراقنى؟
جاۋاب: تۈگەمدۇ ئۇ سوراق؟! مۇمكىن ئەمەس! ھەرگىز تۈگىمەيدۇ. كۈندە سورايدۇ، سائەت-سائەتلەپ سورايدۇ.
بۇ خانىم، زۇلپىقار بىلەن گەپ ئارىسىدا، ئۆزىنىڭ بۇ لاگېردىن ئامان چىقىشىغا ئۈمىدىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان:
جاۋاب: ئۈمىد يوق، پەقەت ئۈمىد يوق؛
سوئال: ئۇنداق دېمە.
جاۋاب: بۇ يەردە غۇرۇر مەسىلىسى يوق، بۇ (بىزگە) ھاقارەت ئەمەس، بىر ئۆلۈم بولدى.
زۇلپىقارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خانىمنى ئۆز ئەھۋالىنى تېلېفوندا ئاشكارىلاشقا، ئۇ سوراق جەرياندا يولۇققان تەھدىتلەر سەۋەب بولغان. مەلۇم بولۇشىچە ساقچىلاردىن بىرى، ئۇ بىر كىشىگە موما( ھورنان) بەرگەنلىكى ئۈچۈن بەلتاسمىسى بىلەن ئۇرۇپلا قالماستىن؛ يەنە ئۇنى شۇ قېتىملىق ۋە ياكى يەنە باشقا بىر سوراقتا ئۈن-تىنسىز يوقىتىۋېتەلەيدىغانلىقى، ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ، ھەتتا چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. لاگېردا كۆرگەنلىرى ۋە ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىگە ئاساسەن لاگېردىن ئامان چىقىشىغا كۆزى يەتمىگەن بۇ خانىم، تۈركىيەدىكى تۇغقىنى، پائالىيەتچى زۇلپىقار ئەلىگە يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلغان.
يۇقىرىدا لاگېردىن 24 سائەتلىك قويۇۋېتىلگەن بىر خانىمنىڭ لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ھەققىدە ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.