ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ يات ئەللەردە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەرخىل ئىنكاس قوزغىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.03.18
Hindoneziye-tutulghan-musapir-uyghur-soraq.jpg سوراقخانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان، ھىندونېزىيەدە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. 2015-يىلى مارت.
Photo: RFA

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ھادىسىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماي، ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بىر تېما بولماقتا.

خەلقئارا مەتبۇئاتلار 2016-يىلى 16-مارت 2 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھىندونېزىيەدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىراق، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، چەتئەللەردە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.

ئاخباراتتا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلغاندا، ئاز دېگەندە تۆۋەندىكىلەرنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن:

2014-يىلى 18-ئاپرېل ۋىيېتنام گېزىتلىرى خىتاي ئارقىلىق ۋىيېتنامغا قېچىپ چىققان بىر توپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان چاغدا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ۋىيېتنام ساقچىلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى مەلۇم ئەمەس. بىراق، ئۆلگۈچى ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىنى تەرك ئەتكەن مۇساپىرلار بولغانلىقى ئېنىق.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختالدى.

2014-يىلى 23-يانۋار خەلقئارا مەتبۇئاتلار يەنە، ئۇيغۇر ئىلى بىلەن قىرغىزىستان چېگراسىدىكى ئاق شىيراق دېگەن جايدا 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارا بولمايلا قالماي، بۇ ئۆلۈم ھادىسىلىرىگە نۇرغۇن سىرلارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى مەتبۇئاتلاردا تىلغا ئېلىندى. ئۆلگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستان دائىرىلىرى ئېيتقاندەك قوراللىق كۈچلەر بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىغا چىقمىدى.

بۇ قېتىم ھىندونېزىيەدە يەنە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇلارمۇ «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىددىن» گۇرۇھى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغانلار، دەپ ئاتالدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، قانداق سەۋەب بىلەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ يات ئەللەردە ئۆلۈشى ياكى ئۆلتۈرۈلۈشى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جىددىي غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان، ئۇيغۇرلار نەزىرىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى نېمە ئۈچۈن چەتئەللەردە خالىغانچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشتەك پاجىئەلىك تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ؟

ئۇزۇندىن بېرى بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەۋاتقان دىنىي زاتلاردىن گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم بۇ ھەقتە پىكرى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ يەرگە تېررور تەشكىلاتىغا قېتىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بېرىپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مۇلاھىزىچى پەرھات مۇھەممدى ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە ئېغىر خېيىمخەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ يات تۇپراقلاردا جېنىدىن ئايرىلىشىغا يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى سەۋەبچى ئىكەن.

بۇ نۇقتىدا ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمنىڭ پىكرىمۇ ئاساسەن ئوخشاش. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە چەتئەل قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كېتىشىدە خىتاينىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، بەلكىم ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۈستۈنلۈك قازىنىش ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى بۇيرۇتمىلىرىغا ماقۇل كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇ يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ يات ئەللەردە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش مەسىلىسىگە جىددىي قاراشقا چاقىرىدى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ باشلىقى سەئۇد ئوسمان ناسۇتىيون 5-يانۋار كۈنى، «دائىش» تېررور تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى كۆزلەپ مەزكۇر دۆلەتكە كېلىدىغان ئۇيغۇر مىلىتانتلار كۆپەيگەنسېرى، ھىندونېزىيەنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىش يولىنى تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئەينى چاغدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، د ئۇ ق بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ھىندونېزىيەنى خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلاشقاندا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.