پىچاندا يەتتە ياشلىق بالىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە «بۇ مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسى ئەمەس» تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.04.19
xumdan-305.png خۇمدان
Public Domain

پىچاندا 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ 52 ياشلىق خىتاي كۆچمەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن ئەتراپتىكى مەسچىت ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا «بۇ ۋەقە مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسى ئەمەس» تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارماقتا.

دائىرىلەر بۇ تەشۋىقاتىنى رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئەمەس، ۋەقە يۈز بەرگەن يېزا ئەتراپىدىكى مەسچىتلەردە ئېلىپ بارماقتا. خىتاي بۇ تەشۋىقاتىدا قاتىلنىڭ ئەسلىدە نېرۋا كېسەل ئىكەنلىكىنى، ئۆزى ئىشلەۋتقان خۇمدان ساھىبى بىلەن زىددىيىتى بارلىقىنى، خۇمدان ساھىبىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، 7 ياشلىق ئەنقەرجان ئۇچراپ قېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن. قاتىل ھەققىدىكى بۇ يېتەرسىز ۋە مەنتىقىسىز چۈشەندۈرۈشكە يۇرت جامائىتى نۆۋەتتە سۈكۈت بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

ئاشكارىلىنىشىچە، قاتىل خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىن بولۇپ، پىچاندا ياشاۋاتقىنىغا ئاز دېگەندە 10 يىلدىن ئاشقان. دائىرىلەرنىڭ ئاممىغا چۈشەندۈرۈشىچە، قاتىل ئەسلىدە خۇمداندا ئىشچىلارنى باشقۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، يېقىندا خۇمدان ساھىبى ئۇنىڭ ئورنىغا چۇڭچىڭدىن كەلگەن بىرسىنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىپ تەيىنلىگەن. بۇنىڭغا قورسىقى كۆپكەن قاتىل، خۇمدان ساھىبىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، خۇمدانغا بارغاندا، 7 ياشلىق ئەنۋەرجان ئۇچراپ قېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى زور بىر ۋەھشىي ۋەقەنى مانا مۇشۇنچىلىكلا بىر ئىزاھات بىلەن خۇلاسىلىماقتا ۋە بۇ خۇلاسىگە يۇرت جامائىتىنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. جامائەت بولسا بۇ چۈشەندۈرۈشلەرگە سۈكۈت بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا ۋە سوتنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈشمەكتە.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەنكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، پىچان ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتىغا قاتىلنى تېز ۋە قاتتىق جازالايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئەگەر قاتىل راستىنلا نېرۋا كېسەل بولسا، سوت ئۇنى ئېغىر ھالدا جازالىمايدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنداقتا خىتاي پارتكوم سېكرىتارى ئۆلگۈچى ئائىلە - تاۋابىئاتىغا نېمە دەپ چۈشەنچە بېرىدۇ؟ مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا، پىچاندىكى ۋەقەنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» دىنىي زات ئېيتقاندەك، ئۇنداق ئاسانلا تىنجىمايدىغانلىقى ھازىردىن باشلاپ مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.