قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدىكى چۆللۈكتە ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ دەپ قارىلىپ ئېتىلغان ۋە تۇتۇلغان 26 كىشىدىن 6 نەپىرىنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، كىملىكى ئاشكارىلانغان بۇ 6 كىشىدىن بىر نەپىرى يىلقىچىدىن، قالغان 5 نەپىرى يىلقىچىغا قوشنا بولغان يېزىدىن.
مۇخبىرىمىزنىڭ ۋەقەدىن كېيىنكى مۇقىملىق خىزمەتلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچى خادىملىرى، كەنت سېكرېتارلىرى ۋە مەھەللە ئىماملىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كىشىلەر، دائىرىلەر تەرىپىدىن نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان كىشىلەر تىزىملىكىگە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر ياكى بىرقانچە كۈن ئاۋۋالغا قەدەر ئۆز كەنتلىرىدە نورمال ئىش-تىجارەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ ئەھۋالنى ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئۆز ھەرىكەت پىلانلىرىنى يوشۇرۇشى دەپ قاراشماقتا.
شاخاپ يېزىلىق ئىسلام شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى ئابلىمىت قاۋۇلنى زىيارەت
سوئال: يىلقىچىدىكى ۋەقەگە سىلەرنىڭ يېزىدىن قانچە كىشى چېتىشلىق بولۇپ چىقتى؟
جاۋاب: 8 مۇ، 9 مۇ شۇنداق.
سوئال: ئۇلار قايسى كەنتلەردىن؟
جاۋاب: 1-، 2- ۋە 12-كەنتلەردىن.
شاخاپ 12-كەنت مەسچىت ئىمامىنى زىيارەت
سوئال: سىلەرنىڭ كەنتتىن يىلقىچىدىكى ۋەقەگە چېتىلغانلار كىملەر؟
جاۋاب: بىزدىن بەرسىلا چېتىشلىق بولۇپ چىقتى. ئىسمى توختى مامۇت، 19 ياش.
سوئال: توختى مامۇتنىڭ بۇرۇنقى ئەھۋال قانداقتى؟
جاۋاب: ئۇ بۇلتۇر چوپاندا ئىش چىققاندا تۇتۇلۇپ سوراق قىلىنغان ۋە ئىشقا يۈزەكى چېتىلغان بولغاچقا تەربىيە بېرىپ قويۇۋېتىلگەن.
سوئال: ئۇ بۇرۇن چېتىلغان چوپاندىكى ۋەقە نېمە ۋەقە ئىدى؟
جاۋاب: دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان تەشكىلات قۇرغان ئىش. ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىككى كىشى شۇ ئىش سەۋەبلىك كېسىلىپ كەتكەن.
سوئال: توختى مامۇت نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىناتتى؟
جاۋاب: ئۆي بېزەكچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىتى.
شاخاپ 2-كەنت پارتكوم سېكرېتارىنى زىيارەت
سوئال: ۋەقەگە سىلەرنىڭ كەنتتىن چېتىلغان كىملەر؟
جاۋاب: بىزدىن چېتىلغان 4 كىشى: مەمتىمىن مامۇت، 31 ياش؛ ئابلىمىت ئابدۇكېرىم 37، ياش؛ مەمەت ئەمەتنىياز، 38 ياش؛ ئابدۇراھمان تۇرۇپ، 22 ياش.
سوئال: بۇلار ئېتىلغانلاردىنمۇ ياكى تۇتۇلغانلاردىنمۇ؟
جاۋاب: مەمتىمىن مامۇت تۇتۇلغان؛ قالغانلىرى ئېتىۋېتىلگەن.
سوئال: ۋەقەگە چېتىشلىق دېگەن بۇ گەپ گۇمانمۇ ياكى مۇقىملىشىپ بولغان گەپمۇ؟
جاۋاب: تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلىنىپ بولغان، بىزگە ئۇقتۇرۇلدى.
سوئال: بۇلار ئادەتتە نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتتى؟
جاۋاب: ھەممىسى دېھقان؛ دېھقانچىلىقتىن سىرت ۋاقىتلىرىدا ياغاچ، قوي تىجارەتلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى.
سوئال: بۇلار ۋەقە يۈز بېرىشتىن قانچە كۈن بۇرۇن مۇشۇ كەنتتە بار ئىدى؟
جاۋاب: ئالدى 3 كۈن بۇرۇن، بىرى بىر كۈن ئاۋۋال كەنتتە بار ئىدى.
سوئال: ئۇلارنىڭ ئايال، بالىلىرى بارمىدى؟
جاۋاب: مەمەت ئەمەتنىيازنىڭ 3، مەمتىمىن مامۇت بىلەن ئابلىمىت ئابدۇكېرىمنىڭ 2 دىن بالىسى بار ئىدى.
شاخاپ يېزىلىق ساقچىخانا باشلىقىنى زىيارەت
سوئال: ۋەقەگە چېتىلغانلار بۇرۇن سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارنى تارتمىغانمۇ؟
جاۋاب: تارتقان. شۇڭا بۇلار، نۇقتىلىق ئائىلىلەر، خىزمەت ئوبيېكتى ئائىلىلەر ۋە خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلغۇچى ئائىلىلەر دەپ تىزىملىنىپ يۇقىرىغا يوللانغان.
سوئال: تىزىمغا ئېلىنىشقا سەۋەب بولغان ھەرىكەتلىرى نېمە ئىدى؟
جاۋاب: ئۆيىگە تەكشۈرۈپ بارساق، بۈگۈن بولسا ئەتىسى يوق، ئەتىگىنى بولسا كەچتە يوق. يۈرۈش تۇرۇشى غەيرىي؛ شۇڭا ئىزچىل نازارەت قىلىنىپ كېلىۋاتقان. مەمتىمىن مامۇت روزا ھېيتقا 3 كۈن قالغۇچە، تاراۋىدىن قايتقانلارغا كاۋاپ ساتقان. ئەسلىدە ئۇ كۆزىمىزنى بويىغان ئىكەن.
سوئال: يەنى ئۇلار نورمال سودا-تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ھەرىكەت پىلانلىرىنى يوشۇرغان دەمسىز؟
جاۋاب: شۇنداق.
يىلقىچى يېزا 9-كەنت پارتكوم سېكرېتارى تۇراپ مەخسۇتنى زىيارەت
سوئال: ۋەقەگە سىلەرنىڭ كەنتتىن چېتىلغان نۇراخمەت ئېمەي، قانچە ياش؟
جاۋاب: 29 ياشلاردا بار.
سوئال: سوئال نېمە ئىش قىلاتتى؟
جاۋاب: قول تراكتورى بار ئىدى، سېغىز ساتاتتى، بەزىدە خىش توشۇيتتى؛ يېقىندا شۇ سايغا يېقىن جايدىن يەر ھۆددىگە ئالغان ئىكەن، شۇ يەردە ئىككى ئېغىز ئوي سالغان ئىكەن، ۋەقەگە چېتىلغانلار شۇ يەردە بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقان ئىكەن.
يۇقىرىدا يىلقىچىدىكى ۋەقەدە ئېتىلغان ۋە تۇتۇلغانلاردىن 6 كىشىنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.