خوتەندە پىدائىيلار ئامانلىق مۇدىرى ئىمىن مەمتىمىننى ئېلىپ قاچقان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.03.23
xoten-maniwer-xitay-saqchi.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. 2014-يىلى 6-ئىيۇن، خوتەن.
AFP

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئالدىنقى كۈنى رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خوتەندە 4 نەپەر پىدائىينىڭ بىر ساقچى خادىمىنى ئېلىپ قاچقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ بۈگۈن، خوتەننىڭ باغچى بازىرى سادىقئاۋات كەنتىدە ئىمىن ئىسىملىك بىر ساقچىنىڭ پىدائىيلار تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن خوتەندە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئېلىپ قىچىلغان كىشىنىڭ سادىقئاۋات كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى ئىمىن مەمتىمىن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 2010-2012 يىللىرى ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 2 مەزگىلىدە، يۈزىگە قارا ماسكا تاقىغان 4 نەپەر پىدائىي ئامانلىق مۇدىرى ئىمىن مەمتىمىننىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنى ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن؛ پىدائىيلار ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئايالى ۋە 3 بالىسىغا چېقىلمىغان. 15 كۈندىن بېرى خوتەندە كەڭ-كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرى، تا بۈگۈنگە قەدەر غايىب مۇدىرنىڭ ئىز-دېرىكى ۋە پىدائىيلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن. نۆۋەتتە ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسى ۋە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئىككى رازۋېدكا گۇرۇپپىسى سادىقئاۋاتتا بۇ كاتتا دېلونى تەكشۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.