ئۈرۈمچى يامالىق ساقچىخانىنىڭ خادىمى ئوسمانجان غوجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. ئەمما ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ۋەقە ھەققىدە ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىنى خەت ۋە تېلېفون ئارقىلىق رادىئومىزغا بىلدۈرۈشمەكتە.
بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپادا ياشاۋاتقان زۇمرەت خانىمنىڭ ۋەقە ھەققىدە ئاڭلىغانلىرى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. زۇمرەت خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدە بىر ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئىشلەيدىغان دوستىدىن ئىگىلىشىچە، ۋەقەگە يامالىقتا ۋاقىتلىق تۇرۇش رەسمىيىتى تەستىقلانمىغان ئىليار رەھمىتۇللاھنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئارزۇسى سەۋەب بولغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، نەق مەيداندا 3 نەپەر ساقچى بار بولۇپ، ئىليار رەھمىتۇللاھ، ئەسلىدە يامالىق ساقچىخانىسىنىڭ خىتاي باشلىقىغا ھۇجۇم قىلغان، ئەمما ئوسمانجان ساقچىخانا باشلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى ئالدىغا ئاتقانلىقى ئۈچۈن ھۇجۇمنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.