ئۇيغۇر ئايال خىتاي ئەلچىخانىسىغا بوتۇلكا ئېتىپ ئاچچىقىنى چىقارغان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم يەرلىرىدە خىزمەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك سىياسىي پاناھلىقى رەت قىلىنغان شاھىدە خانىم، چارشەنبە كۈنى گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي باش كونسۇلخانىسىغا ئەينەك بوتۇلكىلارنى ئېتىپ ئاچچىقىنى چىقارغان.

نەتىجىدە، دەنھاخ شەھەرلىك ئامانلىق ساقلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، نەچچە سائەت قامالغان. ساقچىلار ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئادرېسى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى تىزىملىۋالغاندىن كېيىن، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قويۇۋەتكەن.

ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاھىدە يارمۇھەممەت خانىم بىر يېرىم يىل ئىلگىرى ئىككى بالىسى ۋە يولدىشى بىلەن قوشۇلۇپ گوللاندىيەگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن. كەلگەندىن كېيىن بىر قېتىم نامايىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.

بۇ قېتىم ئىككى تەرجىماننىڭ قىلمىشى سەۋەبلىك پۇرسەتكە ئېرىشكەن كۆپلىگەن ئىلتىجاچىلار قاتارىدا، مەزكۇرنىڭ يولدىشى ۋە ئىككى بالىسىغا پاناھلىق بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۆزى رەت قىلىنغان. سەۋەبى ھەققىدە مەزكۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى شاھىدە يارمۇھەممەت خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاھىدە ئورۇنلىرىدا ئۇزۇن يىل ئىشلىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن.

ئىلگىرى گوللاندىيەدە شۇنىڭدەك سىياسىي پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنغان بىر قانچە كىشىمۇ، خىتاي كونسۇلخانىسى تاش-تۇخۇم قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېتىپ ئاچچىق چىقارغان ۋە پاناھلىققا ئېرىشكەن ئىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پاناھلىققا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن، ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشماي خاتىرجەم ياشاشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى.

شاھىدە خانىم بۇ ھەقتە مەيدانىنى ئىپادىلەپ، بۇندىن كېيىن پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.