تايلاندتىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئايال، بالىلىرى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.08.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
tayland-uyghurlar-murajietname-1.jpg

تايلاندتىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئايال، بالىلىرى ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامىنىڭ بىرىنچى بېتى. RFA/Arslan

tayland-uyghurlar-murajietname-2.jpg

تايلاندتىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئايال، بالىلىرى ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامىنىڭ ئىككىنچى بېتى. RFA/Arslan

tayland-uyghurlar-murajietname-3.jpg

تايلاندتىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئايال، بالىلىرى ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامىنىڭ ئۈچىنچى بېتى. RFA/Arslan

تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇساپىر مەھبۇسلارنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئاياللىرى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ ئەرلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلدى.

مۇراجىئەتنامىدە، تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئائىلە، بالىلىرى تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى، بىر ئائىلىنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىدەك ئېغىر پاجىئەگە دۇچ كەلگەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىنى ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

مۇراجىئەتنامىدە يەنە، ئاياللار تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئەرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار 70 تىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار رامىزاننىڭ ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ئەھۋال دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلگەندىن كېيىن تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇ مۇساپىرلارنى باڭكوكتىكى تۈرمىدىن باشقا شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئۈچ ئورۇنغا بۆلۈۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر تايلاندنىڭ ئۈچ ئورۇندىكى تۈرمىلەردە جەمئىي 70 نەپەر مۇساپىر ھېچقانداق سەۋەب يوق ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، تايلاند ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئۇلاردىن بىر قىسىملىرىنىڭ ئايال، بالىلىرىنى تۈركىيەگە ئەۋەتكەن ئىكەن، ئۇلارنىڭ ھازىرقى تۈرمە ھاياتى قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ ئۇلار بىلەن ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتى بولۇۋاتامدۇ؟ تايلاند ساقچىلىرى ئۇلارنى نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ؟ مەھبۇسلارنىڭ ئاياللىرى ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامىدە دۇنيا جامائىتىدىن خۇسۇسەن ئۇيغۇرلاردىن نېمە تەلەپ قىلدى؟

بىز يۇقىرىقى سوئاللارنى چۆرىدىگەن ئاساستا، تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئاياللىرى ۋە بالىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئاياللار بىردەك، ئەرلىرىنىڭ تېزرەك ئازادلىققا ئېرىشىپ ئائىلە بويىچە جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، خەلقئارا دۇنيا جامائىتىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئاياللار 2015-يىلى ئىيۇلدا تايلاند ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 173 ئۇيغۇر بىلەن بىرگە كەلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەرلىرى تايلاندتا تۈرمىدە قېلىپ قالغان ئىكەن.

2014-يىلى مارتتا ئۆزلىرىنى «تۈرك پۇقراسى» دەپ تونۇشتۇرغان 300 دىن ئارتۇق مۇساپىرىنىڭ تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى، بۇلارنىڭ خىتايدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

2015-يىلى 7-ئايدا تايلاند ھۆكۈمىتى 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرغاندىن كېيىن تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

تايلاند ھۆكۈمىتى شۇندىن كېيىن تايلاند تۈرمىسىدە قېلىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى، سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.