غۇلجىدا تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي زات نۇرمەمەت ھاجىم قاتارلىقلار ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار
2013.07.26
خىتاي ھۆكۈمىتى 2012 - يىلى 6 - ئاي مەزگىلىدە غۇلجا شەھىرىدىكى دىنىي زات نۇرمەمەت ھاجىم باشلىق 50 نەچچە نەپەر ئۇيغۇرنى دىنىي ئەسەبىيلىك، دۆلەتنى پارچىلاش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئارتىپ قولغا ئالغان بولۇپ، يېقىندا نۇرمەمەت ھاجىم قاتارلىقلار ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان، دائىرىلەر ئۇلارغا ئىلگىرىكى جىنايەتلەردىن باشقا يەنە، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنىمۇ ئارتقان.
دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا بولسۇن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زات نۇرمەمەت ھاجىم بۇلتۇر 6 - ئايدا غۇلجا شەھىرى قارىدۆڭ ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ جىگدىلىك مەھەللىسىدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. دائىرىلەر يەنە نۇرمەمەت ھاجىم بىلەن چېتىشلىقى بار دېگەن گۇمان بىلەن غۇلجا شەھىرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردكى دىنىي تەلىم ئالغان ياشلاردىن 50 تىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.
نۇرمەمەت ھاجىم قاتارلىق 50 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر ئەينى چاغدا ئۇلارنى «قانۇنسىز دىنىي تەلىم - تەربىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەشۋىق قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان» دېگەن جىنايەتلەرنى ئارتىپ تۇتقۇن قىلغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرمەمەت ھاجىم قاتارلىقلار ئۈستىدىن بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرى سۈيدۈڭ ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق دېگەن يېرىدە سوت ئېچىلغان. ئەيىبلىگۈچى نۇرمەمەت ھاجىم قاتارلىقلارغا ئىلگىرىكى جىنايەتلەردىن باشقا يەنە، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنىمۇ ئارتىپ ئەيىبلىگەن، نۇرمەمەت ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى قاتارلىقلار بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنىڭ تۆھمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نارازىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن نۇرمەمەت ھاجىمنىڭ ھەدىسى مەريەم خانىم قاتارلىقلار سوت مەيدانىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلگەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان غۇلجا شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيىلەردىن دىنىي ئېتىقادى نىسپەتەن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىدە بولمىغان ھەر خىل جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل ئەيىبلەشلىرى ئاساسسىز بولغىنى ئۈچۈن، سوتقا تارتىلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 26 - ئىيۇن پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى شۇنداقلا 23 - ئاپرېل مارالبېشى سېرىقبۇيا ۋەقەلىرىدىن كېيىن غۇلجا شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيىلەردە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدە بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدىلا ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 100 نەچچە كىشى دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەشۋىق قىلىش ۋە تېررورلۇق ھەركەتلىرى ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان.
نۇرمەمەت ھاجىمنى يېقىندىن تونۇيدىغان بىرەيلەن نۇرمەمەت ھاجىمنىڭ دىنىي ئىلىمدىكى كامىللىقى، ياخشى پەزىلىتى بىلەن غۇلجا تەۋەسىدە زور ئابروي قازانغانلىقىنى، پەقەت ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى رەت قىلغىنى ئۈچۈنلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۆزىگە سىغمىغان كىشىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل تۇتقۇن قىلىشلار داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر دائىرىلەر بۇ خىل كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرىۋەرسە، رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.