17-يانۋار پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى لايىھىسى تونۇشتۇرۇلدى.
بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماركو رۇبىيو ۋە روبېرت مېنېندېز ئەپەندىلەر، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا كرىستوفېر سىمىت ۋە توماس سۇوززى قاتارلىقلار بىرلىكتە تونۇشتۇردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەزكۇر ئەزالىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان ۋاقتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر خەلقىگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى.
ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمزا قويۇش بىلەن ماقۇللانسا ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت چىقىرىلغان تۇنجى قانۇن بولۇپ قالىدۇ.