ئاقسۇ ئايكۆلدىكى قانلىق توقۇنۇشتا 4 ياشلىق قىز سۈبھىنۇر مەمەتكىمۇ ئوق تەككەن
2013.08.12

ھارپا كۈنى ئاقسۇ ئايكۆلدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ۋەقەدە 4 ياشلىق قىز سۈبھىنۇر مەمەتكىمۇ ئوق تەگكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنكى ۋەقەدە قورشاۋدا قالغان ۋە ئاممىنىڭ غەزىپىدىن چۆچۈگەن خىتاي ساقچىلىرى ئۆزلىرى تۇتۇپ ئەكەتكەن ئىككى نەپەر تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. خىتاي ساقچىخانا باشلىقى ۋۇ گۇيلياڭ ۋەقەنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېتىپ كېلىپ توپلاشقان ئاممىنى مىلتىق پاينىكى بىلەن ئۇرۇپ تەھدىت سېلىپ باققان بولسىمۇ، بۇ تەھدىت كارغا كەلمىگەن، ئاخىرى ئۆزى بىرقانچە شايكىسى بىلەن نەق مەيداندىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان.
15-كەنت پارتكوم سېكرېتارى مەمەت ئابلانى زىيارەت
مۇخبىر: سىلەرنىڭ دادۈيدىن ئۆلگەن، يارىلانغانلار قانچە؟
سېكرېتار: بىزدىن ئۆلگەنلەر يوق؛ يارىلانغانلار 4. بۇنىڭ ئىچىدە بىرى ئايال. يارىلانغان ئايالنىڭ ئىسمى پاتەم تۇردى، 40 ياش چامىسىدا.
مۇخبىر: ئۇ ئايالغا قانداق بولۇپ ئوق تېگىدۇ؟
سېكرېتار: ئۇ ئايال كېچە سائەت 1 لەردە 15 ياشلىق ئوغلىنى ئىزدەپ سىرتقا چىققانىكەن، ئۇ ئايالغا ۋۇجىڭنىڭ ئاتقان ئوقىدىن ئىككى پاي بىلىكى ۋە پۇتىغا تېگىپ كېتىپتۇ؛ ھازىر دوختۇرخانىدا، يارىلانغان 12 ئادەمنىڭ قاتارىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.
مۇخبىر: ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟
سېكرېتار: مۇقىملىق ھەققىدە يىغىن ئېچىۋاتىمىز، يىغىندا ۋىلايەتتىن كەلگەن كادىرلار ئاممىغا ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىۋاتىدۇ، ئىغۋالارغا ئىشەنمەڭلار دەۋاتىدۇ.
مۇخبىر: ئۇقتۇرۇلۇشىچە ۋەقە قانداق كېلىپ چىققان؟
سېكرېتارى: ھارپا كۈنى 16-دادۈينىڭ 2-شودۈيىدىكى مەسچىتتە خەتمە قۇرئان قىلىنماقچىكەن، 3-شودۈينىڭ بالىلىرى مەسچىتكە كىرگىلى ماڭسا، مەسچىت ئالدىدا نازارەت قىلىۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇۋاپتۇ ھەم ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ شودۈيىدىكى مەسچىتتە ئوقۇڭلار، بۇ يەردە ئوقۇشۇڭلارغا رۇخسەت يوق دەپتۇ. ئۇ بالىلار كادىرلارغا «ھەرقايسىڭنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشى يوقمۇ؟» دېگەندەك قاتتىقراق گەپ قىلىپ قويۇپتۇ ھەم توسۇشىغا قارىماي مەسچىتكە كىرىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كادىرلار ساقچىخانىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتۇ. ساقچىلار كېلىپ شۇ بالىلاردىن ئىككىنى تۇتۇپ ئاپىرىۋېتىپ، يەنە تۆتنى ئاپتوموبىلىغا سولاپ ماڭغاندا جامائەت «ئەتە ھېيت تۇرسا، بۇلارنى نېمىگە ئېلىپ ماڭىسەن؟» دەپ ساقچى ئاپتوموبىلىنى توسۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ تالىشىپ-تالىشىپ ئاخىر ۋۇجىڭ ئارىلىشىپ مۇشۇ ۋەقە كېلىپ چىقتى. ئەسلىدە مەنچە، پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولىدىغان بىر ۋەقەتى. رامىزاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى 3 سائىتى ئىدى. ياكى كادىرلار بولدى ئوقۇۋېرىڭلار، دەۋەتسە، ياكى ئۇ ياش بالىلار بولدى، بۈگۈننى ئۆتكۈزۈۋېتەيلى دېگەن بولسا، بۇ ئىش چىقماستى.
16-كەنت پارتكوم سېكرېتارى ئابلەت غوجامنىيازنى زىيارەت
مۇخبىر: ئاڭلىساق، سىزمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن يەردە باركەنسىز، شۇنداقمۇ؟
سېكرېتار: شۇنداق، مەن ئاممىغا نەسىھەت قىلغىلى بارغان. مەن بارسام، ساقچىخانىنىڭ ياردەمچى باشلىقى غېنى ئوسمان، ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، ۋەزىيەتنى بىرئاز يۇمشاتقان ئىكەن. دەل شۇ چاغدا باش سوجاڭ ۋۇ گۇىلىاڭ بىرقانچە ساقچىنى باشلاپ كېلىپ قوپاللىق قىلىپ قويۇپ ئىشنى ئۇلغايتىۋەتتى.
مۇخبىر: ساقچى ئاپتوموبىلىنى قورشىۋالغان كىشىلەرنىڭ تەلىپى نېمە ئىكەن؟
سېكرېتار: دەسلەپتە ساقچى ئاپتوموبىلىغا سولىۋالغان ئىككى كىشىنى ئەپكەتمەيسەن، دېگەن ساقچىلار بۇنىڭغا ماقۇل بولغاندا، تۇتۇپ ئەكەتكەن ئىككىسىنىمۇ قويۇپ بېرىسەن، ھېيتتىن كېيىن سورايسەن دېگەن. غېنى ئوسمان ئادەملەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقىنىنى ھەم ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئەمىسە ئىككى ئادىمىڭلارنى قويۇپ بېرەيلى، ئاندىن تارقاپ كېتەمسىلەر، دېگەن. قورشىۋالغان بالىلار، شۇلارنى مۇشۇ يەردە كۆرسەك تارقاپ كېتىمىز، دېگەن. غېنى ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ تۇتۇپ كېتىلگەن ئىككىسىنى ئەكېلىشنى بۇيرۇغان. شۇنىڭ بىلەن ۋەزىيەت يۇمشاۋاتاتتى، ۋۇ گۇيلياڭ سوجاڭ ۋارقىراپ كېلىپلا مىلتىقىنىڭ پاينىكى بىلەن بىرنەچچىسىنى ئۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكىلەر قوزغىلىپ، ئۇلارغا تاش، كېسەك ئاتتى، ۋۇ گۇيلياڭ ئاسمانغا ۋە ۋە يەرگە قارىتىپ ئوق ئاتتى، كىشىلەر چېكىنمەي ئۇنى قوغلىدى، ئۇ كەلگەن ئادەملىرى بىلەن ئارقىسىغا يېنىپ قاچتى ۋە ئىككىنچىلەپ پەيدا بولمىدى. شۇ چاغدا ساقچىلار ئاتقان ئوقنىڭ بىرى 4 ياشلىق بىر قىزنىڭ سۆڭگىچىگە تېگىپ كېتىپ ۋەقە شۇنىڭ بىلەن ئۇلغىيىپ كەتتى.
مۇخبىر: غېنى ئوسمانغا تاياق تەگمىدىمۇ؟
سېكرېتار: ياق. ئۇ ياخشى مۇئامىلىدە بولغاچقا، ئاممىنىڭ ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ تۇردى، ھېچكىم ئۇنىڭغا تاش، كېسەك ئاتمىدى. بىر چاغدا تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇ ئىككى كىشىمۇ قويۇپ بېرىلىپ بۇ مەيدانغا كەلدى، بىراق بۇ 4 ياشلىق قىزنىڭ ئوق يېگەنلىكى كىشىلەرنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى، خەق ھەم تارقىمىدى، بېسىقتۇرغىنىمۇ بولمىدى. كىشىلەر ساقچى ئاپتوموبىلىنى ئۇرۇپ چېقىۋەتتى، دادۈينىڭ بىر ئىشخانىسىنىڭ ياغاچلىرىنى ئۆرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ۋۇجىڭ يېتىپ كېلىپ قارا-قويۇق ئوق چىقىرىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ بولغىنىنى مەنمۇ بىلمەيمەن. خىزمەت ئىشلىگىلى بارغان ئادەم ئوقتىن قورقۇپ مەنمۇ قاچتىم.
مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە ئادەم ئۆلدى، ئۇلار كىم؟
سېكرېتار: ۋەقەدە 3 ئادەم ئۆلدى. ئۆلگەنلەردىن بىرى بىزنىڭ دادۈينىڭ 2-دۈيىنىڭ ئەزاسى، داۋۇت، 27 ياش.
مۇخبىر: بۇ بالىغا قانداق بولۇپ ئوق تەگدى؟
سېكرېتار: بۇ بالا مۇشۇ ئىشتا، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ گەپ قىلغان، ساقچىلار بىلەن داۋلىلاشقان ئىكەن. شۇنى ئىشنىڭ يېتەكچىسى دەپ قاراپ مېڭىسىگە ئېتىپتۇ. ئۇ نەق مەيداندىلا ئۆلدى.
مۇخبىر: داۋۇتنىڭ بۇرۇن جىنايەت تارىخى بارمىكەن؟
سېكرېتار: ياق. بىر يىلدىن بۇيان ساقال قويىدىغان بولۇۋالغان. كادىرلار ساقىلىڭنى ئېلىۋەت دەپ نەسىھەت قىلغان، ئۇ ئۇنىمىغان بىر ئىش باركەن.
مۇخبىر: يارىلانغان 4 ياشلىق قىزنىڭ ئىسمى نىمىكەن؟
سېكرېتار: سۈبھىنۇر مەمەت.
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ۋەقەدە ئۆلگەن 3 كىشىدىن بىرى ئايال بولغاندىن باشقا، ئوقتا يارىلانغانلاردىنمۇ 4 نەپىرى ئايال. بۇلاردىن 3 نەپىرى خىتاي ساقچىلىرىغا توپلىشىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلەردىن بولسا، بىر نەپىرى كېچىدە ئوغلىنى ئىزدەپ سىرتقا چىققان 40 ياشلىق ئانا پاتەم تۇردى. ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان ۋەقەدە يارىلانغان بالا بىر، 4 ياشلىق سۈبھىنۇر مەمەت.