ئاتالمىش «4-فېۋرال قوراللىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى» نىڭ گۇماندارى شۆھرەت ماھمۇتنىڭ بىر سابىق مەھبۇس ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-05-12
Share
urumchi-sheherlik-1-turme.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن قامالغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
RFA

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان «1996، 2000-يىللاردىكى زور ۋەقەلەر» ۋە «دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تېررورلۇق ۋەقەلىرى» قاتارلىق دوكلات ۋە خاتىرىلىرىدە 1999-يىلى يۈز بەرگەن ئاتالمىش «4‏-فېۋرال قوراللىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى» داۋاملىق تىلغا ئېلىنىدۇ، ئەمما ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى ۋە دېلونىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمەيدۇ. مۇخبىرىمىزنىڭ خىتاينىڭ «ئىنقىلابىي قۇربان» نى، ساقچى مۇرات رۇستەمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئەنە شۇ 4-فېۋرال ۋەقەسىنىڭ غوللۇق گۇماندارى ۋە ئۇنىڭ دېلونى سادىر قىلىش سەۋەبى ئاشكارىلاندى.

خىتاينىڭ «قىزىل ناخشا» تورىدا 2014-يىلى ئېلان قىلىنغان «دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» ناملىق دوكلاتىدا 1999-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدە بىر شوپۇرنى ئۆلتۈرۈپ 248000 سوم پۇل ۋە بىر سانتانا ئاپتوموبىلنى بۇلاپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق 3 نەپەر گۇماندارنى ئارىدىن 6 كۈن ئۆتكەندە يەنى 10-فېۋرال كۈنى بىر دانە ئۆزلىرى ياسىۋالغان ناگان ۋە بىر دانە پىچاق بىلەن قولغا چۈشۈرگەنلىكى يېزىلىدۇ؛ دوكلاتتا ۋەقە پەۋقۇلئاددە زور قوراللىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى دېيىلىدۇ ۋە ۋەقەنىڭ خاراكتېرى «بۆلگۈنچىلىك» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

«بەيدۇ» تورىدىكى ئاتالمىش ئىنقىلابىي قۇربان مۇرات رۇستەم ھەققىدىكى خاتىرىدە ساقچى مۇرات رۇستەمنىڭ ئەنە شۇ 4-فېۋرال ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرىنى تۇتۇش داۋامىدا گۇماندار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى يېزىلىدۇ.

«بەيدۇ» دا بايان قىلىنىشىچە، 4-فېۋرال ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى ئۈرۈمچى بۇلاقبېشىدىكى ئىككى قەۋەتلىك شەخسىي قورورۇنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە بايقالغان. پەردە بىلەن ئىككىگە بۆلۈنگەن ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆيگە بېسىپ كىرگەن مۇرات رۇستەم گۇماندارلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغاندا گۇماندار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

«بەيدۇ» دا يەنە بايان قىلىنىشىچە، مۇرات رۇستەم كۆكرەك قىسمىغا ئوق يېگەندىن كېيىن، يەنە گۇماندارنى پۇت قىسمىدىن ئېتىپ يارىلاندۇرغان. ئەمما ئەينى چاغدا بۇ دېلوغا چېتىشلىق سوراق خاتىرىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 4-فېۋرال ۋەقەسىنىڭ باش گۇماندارى 27 ياشلىق شۆھرەت مەخمۇت بولۇپ، ئۇ شۇ كۈنى 10 نەچچە يېرىگە ئوق تېگىپ يارىلانغان.

يولۋاس ئەپەندىنىڭ ئۆز خاتىرىسىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، 4-فېۋرال ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلار 4 ياكى 5 نەپەر بولۇپ، بۇلاردىن شۆھرەت مەخمۇت، 1997-يىلى غۇلجادا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىنكى قارا-قويۇقتۇتقۇندا، ۋەقە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ بىر يېرىم يىللىق كېسىلىدۇ. تۈرمىدە5-فېۋرال ۋەقەسىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى بىلەن بىر كامىرىدا ياتقان شۆھرەتنىڭ دۇنيا قارىشىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى سىياسىي مەيدانى شەكىللىنىدۇ. ئۇ جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەت تەييارلىقىغا ئۆتىدۇ. ئۇ مانا بۇ جەرياندا ئۈرۈمچىدە بىرقانچە مەيدان ۋەقە سادىر قىلىپ، 10-فېۋرال كۈنى يارىدار ھالەتتە ئەسىرگە چۈشىدۇ.

بىز يەنە شۆھرەت ماھمۇتنىڭ 4-فېۋرال ۋەقەسىدىكى رولى ھەققىدە ئەينى يىللاردا ئۈرۈمچىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن يەنە بىر سابىق ساقچىدىن مەلۇمات سورىدۇق، ئۇ مەزكۇر دېلونىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىزلىكىنى، چۈنكى دۆلەت بىخەتەرلىك دېلولىرىنىڭ ساقچىلار ئارىسىدىمۇ مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقىنى، پەقەت دېلوغا بىۋاسىتە قول تىققان خادىملارنىڭلا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەر تاپالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، شۆھرەت ماھمۇتقا ئۆز‏-ئارا بىر-بىرىگە چېتىشلىق 4-فېۋرال، 10-فېۋرال ۋەقەسىدىكى رولى سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، ئۇ جازا مەيدانىغا ئېلىپ مېڭىلغاندا تەمكىن قىياپىتى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە تەسەللى بەرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت