توققۇزاقتىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن كېسىلىپ كەتكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ئالدىنقى ھەپتە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا ئاۋازلىق ئىنكاس يوللاپ توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوقۇتقۇچى ئەخەت مىرزاكېرىمنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن كېسىلىپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ كېسىلىشىگە دوپپا كىيىپ يۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئەخەت مىرزاكېرىمنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن بىرلىكتە كېسىلگەنلىكى، ئۆزىنىڭ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى دەلىللەندى، ئەمما ئۇنىڭ جازالىنىش سەۋەبىنىڭ دوپپا كىيىش ئىكەنلىكى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.

رادىئومىزغا يوللانغان ئاۋازلىق ئىنكاستا تۇتقۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمى ئەخەت دەپ ئوچۇق بايان قىلىنغان بولسىمۇ، فامىلىسى ئېنىق ئىپادىلەنمىگەن. شۇڭا بىز توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ ساقچىخانىسىدىن ئالدى بىلەن بۇ ھەقتە مەلۇمات سورىدۇق. خادىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىگەندىن كېيىن، بۇلاقسۇنىڭ كەنت ساقچىخانىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. مۇھاجىرەتتىكى توققۇزاقلىق كىشىلەر، بۇلاقسۇدىكى مەزكۇر مىللەتپەرۋەر ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىڭ ئەخەت مىرزاكېرىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

رادىئومىزغا كەلگەن ئاۋازلىق ئىنكاستا تۇتقۇن ئوقۇتقۇچى ئەخەت مىرزاكېرىمنىڭ، بۇلاقسۇنىڭ 2-كەنت، 5-مەھەللە ئەزاسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇلاقسۇنىڭ 19-كەنت ساقچى خادىمى، ئەخەت مىرزاكېرىمنىڭ 2-كەنت ئەزاسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا يەنە ئەخەت مىرزاكېرىمنىڭ كوچىدا دوپپا كىيىپ كېتىۋاتقان مەزگىلىدە يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقى ۋە سېكرېتارنىڭ ئەخەت مىرزاكېرىمنى چەتكە تارتىپ سوراق قىلغانلىقى ۋە شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئەخەت ئۇنىڭ بىر مەھەل جەمئىيەتتىن غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر ئىنكاستا يەنە ئەخەت مىرزا كېرىمنىڭ يېقىندا دوپپا كىيگەنلىكى ئۈچۈن كېسىلىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن؛ ئىنكاستا ئەخەت مىرزاكېرىمنىڭ ئوغۇللىرىنىڭمۇ كېسىلىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

بۈگۈن توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتى، ئوقۇتقۇچى ئەخەت مىرزاكېرىمنىڭ 5 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەدلىيە پونكىتى خادىمى يەنە ئەخەت مىرزاكېرىم ئائىلىسىدىن 3 كىشىنىڭ كېسىلگەنلىكى، قالغان ئىككىسىنىڭ ئۇنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئەخەت مىرزاكېرىمنىڭ كېسىلىشىگە ئۇنىڭ دوپپا كىيگەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى دەلىللەنمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدىكى خەۋەرلىرىمىزدە، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ئېگۇستا 67 ياشلىق تۇرسۇن مەممەتنىڭ 13 يىلنىڭ ئالدىدا ئوغلىنى ھاراق توسقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ۋاھاپ تۇرسۇننىڭ ئايالىغا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيدۈرگەنلىكى ئۈچۈن 10 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.