خۇ پىڭ: خىتاينىڭ قانۇن ئىسلاھاتى ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز جازالاش ھەرىكىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدۇ

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيەسى 18‏-نۆۋەتلىك 4‏-ئومۇمى يىغىنى پەيشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سوت، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىل ئىش بېجىرىشىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. يەرلىك دائىرىلەر سوت، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە قول تىقىدىغان ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىدىغانلىقى، بىراق ئەدلىيە سىستېمىسىنى يەنىلا پارتىيە كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئاخباراتى يىغىننىڭ قارارىنى «قانۇن ئىسلاھاتىدىكى زور بۇرۇلۇش» دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى ئانالىزچىلار بۇنىڭ خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدىغانلىقى، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنسىز باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىغىننىڭ «كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بىر قانچە زور مەسىلىدىكى قارارى» دا، ھۆكۈمەت بىلەن سوتنى ئايرىپ، ئالىي سوتنىڭ قارمىقىدا سەييارە سوت مەھكىمىسى قۇرۇش، رايونلار ئارا سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش، ئەدلىيە خىزمىتىگە قول تىققان رەھبىرى كادىرلارنىڭ تىزىملىك خاتىرىسىنى تۇرغۇزۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ئاخباراتى مەزكۇر قارارنى «جۇڭگو قانۇنچىلىق ئىسلاھاتى ۋە قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش يولىدىكى بۆسۈپ خاراكتېرلىك زور ئىلگىرىلەش» دەپ تەسۋىرلىگەن. بىراق ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»، خىتاينىڭ قانۇن ئىسلاھات قارارى غەربنىڭ ھوقۇق ئۆزئارا ئايرىلغان قانۇنچىلىق ئۇقۇمىدىن يەنىلا يىراق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. يىغىننىڭ قارارىدا، كومپارتىيە يەنىلا جۇڭگونىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىكى مۇتلەق يېتەكچى كۈچ ئىكەنلىكى تەكىتلىگەن.

بىراق ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەدلىيە ئىسلاھات قارارى يەرلىكتىكى ئادالەتسىزلىك ۋە خەلق ئىچىدىكى نارازىلىقنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇ خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى تۈپ مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ، جۇڭگودا قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەك ناھايىتى تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەك ناھايىتى تەس. ئالدى بىلەن كومپارتىيەنىڭ قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش، دېگەن بۇ ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈشى بىزنىڭ ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن پۈتۈنلەي پەرقلىق. ئىككىنچىدىن، بىز، ئۇنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان شۇ يولدا ماڭىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز. ئۇ بۇ يىغىننى ئېچىۋاتقان ۋاقىتنىڭ دەل ئۆزىدە كومپارتىيە ئۆزى تۈزگەن قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشىغا قانداق ئىشەنگىلى بولىدۇ، دېدى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگودا سوت ۋە تەپتىشنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئىجرانىڭ ھوقۇقى ئايرىۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ، ئورگانلاردا ھوقۇقنىڭ كېلىش مەنبەسى بىر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كومپارتىيە كونترول قىلىدۇ. شۇڭا كومپارتىيەنىڭ ئىجرائات بىلەن سوت ۋە تەپتىشنىڭ ھوقۇقىنى ئايرىش دېگىنى قۇرۇق گەپ.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلە بىلەن بىز كۆرگەن دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ھوقۇقنىڭ ئايرىلىشى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. بۇ ئەللەردىكى ھوقۇق بىر-بىرىدىن مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلاردا ھوقۇقىنىڭ كېلىش مەنبەسى پەرقلىق. جۇڭگودا بولسا ھوقۇقنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشاش. بۇ ئورگانلارغا ھوقۇق كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ يول-يورۇقى بىلەن كېلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ھوقۇقنى ئايرىش دېگىنى ئەمەلىيەتتە ھوقۇقنى ئايرىش ئەمەس، بىر خىل خىزمەت تەقسىماتى.

خىتاي كومپارتىيە 18‏-نۆۋەتلىك 4‏-ئومۇمى يىغىنى 20‏-ئۆكتەبىر ئېچىلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. ئوچۇق خەتتە، بۇ قېتىمقى مەركىزى كومىتېت ئومۇمى يىغىنىدا قانۇن ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار رادىكال ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماقۇللاشنى تەلەپ قىلىپ، «خىتايدا ئىزچىل كۆپىيىۋاتقان ئاممىۋى ۋەقەلەر، يەر-مۈلك ھوقۇقى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئەمەلدارلارنىڭ جاۋابكارلىق مەسىلىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ھادىسىلەر، ئۈنۈملۈك ۋە مۇستەقىل قانۇن سىستېمىسى بولماي تۇرۇپ ھەل بولمايدۇ» دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە، قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشى ئۈچۈن تەنقىدى پىكىرنى قوغداش بىلەن بۆلگۈنچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىققا بېرىلگەن جىنايى جازانى پەرقلەندۈرۈشكە چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى «ھۆكۈمەت تىنچلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنى جىنايەت، دەپ جازالىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى» دېگەن.

خىتاي كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى د ئۇ ق خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دىنىي، سىياسىي دېلولاردا ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بىر مەزگىلدە چىقىرىلغان. د ئۇ ق خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىلا ئەمەس، ئوخشاشلا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنى ئۇيغۇرلارغا چېكىدىن ئاشۇرۇپ قوراللىق كۈچ قوللىنىش، بەزى رايونلاردا بىگۇناھ پۇقرالارنى قىرغىن قىلىش بىلەن تەنقىد قىلغان.

بىراق خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش قارارى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى قانۇن-نىزامغا خىلاپ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ئۇنىڭ ھەرىكىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق بېشارىتى يوق. ئىلھامنىڭ دېلوسى مەسىلىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئىلھامنىڭ دېلوسىغا بېرىلگەن جازا دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يۈز بەردى. ئەگەر كومپارتىيە ھەقىقەتەن قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرسا، ئىلھامغا بۇنداق جازا بەرمەسلىكى كېرەك. ئىككىنچىدىن، بىز 4‏-ئومۇمى يىغىندىن كېيىن كومپارتىيەنىڭ ئۆزگىرىدىغان-ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا قارايمىز. بۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى ئۇ ئىلگىرى خاتا ھۆكۈم قىلغان دېلولارنى تۈزىتەمدۇ- تۈزەتمەمدۇ. مەسىلەن، ئىلھامغا بېرىلگەن جازانى تۈزىتەمدۇ؟ ئەگەر ئۇ جازانى تۈزەتمىسە، ئاتالمىش ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش، دېگەن سۆزنىڭ قانداق گەپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ سېنتەبىردە ئىلھام توختىغا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش»، «كىشىلەرنى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەن جىنايەتلەرنى ئارتىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان. بىراق سوتنىڭ قارارى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ۋە تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.