يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىن يەنە 150 نەپەر ياش فۇجيەنگە يولغا سېلىنغان

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىن يەنە 150 نەپەر ياش فۇجيەنگە يولغا سېلىنغان. تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ ياشلار قەشقەر يېڭىشەر ناھىيىلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇزۇتۇش مۇراسىمى بىلەن ئىچكىرىگە يولغا سېلىنغان بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 4 - تۈركۈمدىكى ياشلارنىڭ ئىچكىرىگە خىزمەتكە ئەۋەتىلىشى ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.05.14

ئالدىنقى ئۈچ تۈركۈمدە جەمئىي 427 نەپەر ياش خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانغان بولۇپ بۇلار شەندۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ خىزمەتنى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش دېگەن نام ئاستىدا بارغانسېرى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر بۇ ناھىيىدىن 1500 دىن ئارتۇق ياش ئىچكىرىگە يوللانغان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش دەپ تەرىپلەۋاتقان بولسىمۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ياۋرۇپا، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېتنىك بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ۋە بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ ئەڭ رەزىل ۋە ئوچۇق ‏ - ئاشكارا بىر ئۇسۇلى دەپ قارىماقتا.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.