ئالدىنقى ئۈچ تۈركۈمدە جەمئىي 427 نەپەر ياش خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانغان بولۇپ بۇلار شەندۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ خىزمەتنى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش دېگەن نام ئاستىدا بارغانسېرى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر بۇ ناھىيىدىن 1500 دىن ئارتۇق ياش ئىچكىرىگە يوللانغان.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش دەپ تەرىپلەۋاتقان بولسىمۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ياۋرۇپا، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېتنىك بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ۋە بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ ئەڭ رەزىل ۋە ئوچۇق - ئاشكارا بىر ئۇسۇلى دەپ قارىماقتا.