' 4 - ئىيۇن ' ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئۆركەش دۆلەتنىڭ خىتايغا قايتىش تەلىپى رەت قىلىنغان

6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بۈگۈن پەيشەنبە كۈنى تيەنئەنمېن ۋەقەسى مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچى بولغان ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىنىڭ خىتايغا قايتىش تەلىپى رەت قىلىنىپ، ئۇ ئاۋمىندىن تەيۋەنگە قايتۇرۇلغان. ئۆركەش دۆلەت تەيبىي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا تەيبىينىڭ تاۋيۇەن ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.06.04

ئۆركەش ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم ئاۋمىنغا بېرىشى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئېلان قىلىنغان بىر قېتىملىق جەڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە سوئال قويۇپ،"سىلەر مېنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدىڭلار، مانا مەن ھازىر قايتىپ كەلدىم، قېنى مېنى قوبۇل قىلالامسىلەر؟"دېگەن.

ئۆركەش دۆلەت، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، "4 - ئىيۇن " تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسى تەشكىللىگۈچىلىرى دەپ قارىغان 21 كىشىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ھازىر تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئۆركەش ئەپەندى، 3 - ئىيۇن كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ماقۇل بولغاندەك ھالەتتە، تەيۋەندىن خىتاينىڭ ئالاھىدە رايونى بولغان ئاۋمىن ئايرودرومىغا چۈشكەن چاغدا ئايرودرومدىكى چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرغۇچى دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئەكېتىلگەن ئىدى.

ئۆركەش ئەپەندى باياناتىدا: خىتاينىڭ ئۆزىنى چېگرىدىن كىرىشكە يول قويماسلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: " بۇ، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ھەققىدىكى قانۇنىغا خىلاپ" دەپ تەنقىدلەش بىلەن بىرگە، بۇندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى سوت ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "4 - ئىيۇن قىرغىنچىلىقى " ئۈچۈن خەلقتىن كەچۈرۈم سورىشىنى خىتاپ قىلغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.