خوڭكوڭ مۇخبىرلىرى بېيجىڭدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

بىر گۇرۇپپا خوڭكوڭ مۇخبىرلىرى زەھەرلىك سۈت مەھسۇلاتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ھوقۇقنى قوغداش پائالىيىتى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان جاۋ ليەنخەينىڭ بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسى ئەتراپىدا سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

جەنۇبى خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ مۇخبىرلارنىڭ بىرى يۈزىگە تەستەك يېگەن. مەلۇم بولۇشىچە يېقىن ئەتراپتا مۇخبىرلارنى كۆزىتىپ تۇرغان پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەگە ئارىلاشمىغان بولۇپ، بۇ مۇخبىرلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن.

بۇ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى خوڭكوڭدىكى تۋب قانىلىنىڭ ئىككى مۇخبىرى، خوڭكوڭدىكى سودا رادىئو قانىلىنىڭ بىر مۇخبىرى ۋە رتھك قانىلىنىڭ بىر مۇنبىرىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن.

بۇلار پائالىيەتچى جاۋنىڭ تۇرالغۇسى ئەتراپىغا كەلگەندە ئۆزىنى مەھەللە كومىتېتى خادىملىرى دەپ ئاتىۋالغان 40 ئەتراپىدا ئادەم ئېتىلىپ كېلىپ، مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلغان. كومىتېت ئەزالىرىدىن بىرى تۋب قانىلىنىڭ ئوپېراتورنى تېپىشكە باشلىغاندا رتھك قانىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى تېرىسا ۋاڭ ۋېي پۇ ۋەقەنى يانفونى ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىشقا تەمشەلگەندە، كومىتېت ئەزالىرى ئارىسىدىكى بىر ئايال تېرېسا ۋاڭنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالغان.

2008- يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن مېلامىن قوشۇلغان سۈت پاراشوكى ۋەقەسىدە 300 مىڭ بوۋاق ۋە ئۆسمۈر ھەرخىل دەرىجىدە زەھەرلەنگەن ئىدى. جاۋ ۋەقەدىن كېيىن، مەزكۇر زەھەرلەنگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن باشلىغان ۋە “ جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق تېرىش جىنايىتى” بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2010- يىلى ئىككى يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.