دارۋاز ئادىل ھوشۇر بېيجىڭدىكى 'چاڭگا' ئولىمپىك زالىدا ماھارەت كۆرسەتتى

ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇر بېيجىڭدىكى چاڭگا ئولىمپىك زالىدا دۇنيا جىنس رېكورتى يارىتىش ئۇچۇن ماھارەت كۆرسىتىشنى شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دا باشلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئادىل ھوشۇر 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى مەزگىلىدە ياسالغان زال ئۈستىگە تارتىلغان سىمدا 60 كۈن ماھارەت كۆرسىتىدىكەن.

شىنخۇا تورىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك دار يەر يۈزىدىن 60 مېتىر ئېگىزلىكتە باغلانغان. ئادىل ھوشۇر 3 - ماي ئەتىگەندە، ئۇيغۇرچە كىيىنىپ قولىدا تەڭشەك خادىسىنى تۇتۇپ دار ئۈستىدە ئۇخلاش، ئولتۇرۇش ۋە يۈگرەشكە ئوخشاش قېيىنلىق دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى ماھارەتلەرنى كۆرسەتكەن. تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئادىل ھوشۇر دار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياڭراتقۇ ۋە مىكروفون ئارقىلىق تاماشىبىنلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.

ئادىل ھوشۇر، ئىلگىرى خىتاينىڭ سەنشيا بوغۇزىدىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ يېڭى دۇنيا رېكورتى ياراتقان ۋە ئۇيغۇرلار ئەڭ پەخىرلىنىدىغان دارۋازلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.