ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئايالى ئالىي سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش" بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتلىرىدىن ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئايالى گۈلنۇر، ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-01-28
Share

قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى ئالىمجاننى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، گۈلنۇر يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان. يۇقىرى سوت ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، 12‏-ئايدا دېلونى كۆرۈپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن 2‏-سوتنىڭ نەتىجىسىنى ھازىرغا قەدەر ئالىمجان ۋە ياكى ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىغا ئۇقتۇرمىغان.

ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى "جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى "نىڭ گۈلنۇردىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرى سوت دائىرىلىرى بۇ دېلو 12‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرى تەتبىقلىنىپ، ئەسلى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، گۈلنۇرغا ئادۋوكات تۇتۇپ ئاۋارە بولماسلىقنى ئېيتقان.

گۈلنۇر پەيشەنبە كۈنى رادىئويىمىزنىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر يۇقىرى سوتنىڭ ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلغانلىقى راست بولسا، ئالىي سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالىمجان قولغا ئېلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دېلوسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. 2008‏-يىلى سېنتەبىردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قارار چىقىرىپ، ئالىمجان ھىمىتنىڭ دېلوسى خالىغانچە قولغا ئېلىپ قانۇنسىز سوتلاش ۋەقەسىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت