ئالمۇتىدا ئەخمەت يەسەۋىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن چوڭ مەسچىت ياسالدى

قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھەر مەركىزىدە مەركىزىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى 6 - ئىيۇل رەسمى ئېچىلىپ، ناماز ئوقۇش باشلاندى. بۇ مەسچىت 12 - ئەسىردە ئۆتكەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاتاقلىق پەيلاسوپى ۋە شائىرى خوجا ئەخمەت يەسەۋىنىڭ ھۆرمىتىگە ياسالغان بولۇپ، مەسچىتكە «ھەزرىتى سۇلتان مەسچىتى» دەپ نام بېرىلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.07.08


فەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، مەسچىتنى ئېچىش مۇراسىمى 6 - ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كۈن ھەم قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ 72 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. مۇراسىمغا نازاربايېف ئۆزى قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە بۇ مەسچىتنىڭ ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئورتاق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.

مەسچىتنىڭ مۇنارىسىنىڭ ئەڭ ئېگىزى 77 مېتىر بولۇپ، ئۇچ قەۋەت قىلىپ، ياسالغان، ئىگىلىگەن مەيدانى 17 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، سىرتىدىكى ماشىنا قويۇش مەيدانلىرىغا 800 گە يېقىن ماشىنا قويغىلى بولىدىكەن. مەسچىت ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىق ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتىش، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئۆزگىچە ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىگىمۇ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت ياسالماقتا ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.