يەرلىك ھاۋا رايى ئىستانسىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بەزى رايونلاردا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 14 گرادۇسقا چۈشكەن. 7-نويابىر ئالتايغا قاتتىق قار يېغىپ، ئالتاي ئايرودرومى قار ۋە شىۋىرغان دەستىدىن تاقالغان. ئالتايدىكى بەزى رايونلارغا ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 12 سانتىمېتىرغا يەتكەن.
كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ تاش يول قاتنىشىغا، دېھقان ۋە چارۋىچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، قاتناش قۇلايسىز يىراق قىشلاقلاردىكى چارۋا ماللارنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك ۋە ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋا رايى تارماقلىرى، 7-نويابىردىن 8-نويابىرغا كىرىش كېچىسى چۆچەك، ئالتاي، تەڭرىتېغى ۋادىلىرى قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرا ھال قار ياغىدىغانلىقىنى، قىسمەن جايلاردا داۋاملىق قېلىن قار يېغىپ، شىۋىرغان چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەرلىك ھاۋا رايى مەلۇماتلىرىدا يەنە، مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچىگە قار يېغىپ، 4-5 بال شامال چىقىدىغانلىقى، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، نۆلدىن تۆۋەن 8 گرادۇسقا چۈشىدىغانلىقى، چۆچەك، ئالتاي، قۇمۇل قاتارلىق تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 گرادۇستىن 14 گرادۇس ئارىلىقىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.