ئالتاي، ئىلى ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن قار ئاپىتىدە 20 ئادەم ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق چارۋا ئۆلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، ئالتاي، ئىلى ۋېلايەتلىرىدە 59 يىلدىن كېيىن يۈز بەرگەن دەھشەتلىك قار - شىۋېرغاندا 20 ئادەم ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق مال - چارۋا ئۆلدى. خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاپەتتە 1 مىليون 600 مىڭ نوپۇس زىيانغا ئۇچرىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-01-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

زەخمىلەنگەن ئۆي سانى 100 مىڭغا يەتتى، كوكتات ئۆستۈرىدىغان 10 مىڭ پارنىك بۇزۇلدى. ئاپەت جەريانىدا كېسەلگە گېرىپتار بولغان ئادەم سانى 1300 دىن ئاشتى. مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەخمىنەن ئومۇمىي ئىقتىسادىي زىيان 640 مىليون يۇەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى 1‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ شىمال ۋە غەرب تەرەپتىكى رايونلىرىغا سبېرىيىنىڭ سوغۇق ئېقىمى كېرىپ، بۇ رايونلارنىڭ تېمپراتورىسى 60 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەپ ئاپەت يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما ئالتاي، ئىلى ۋېلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن قار كۆچۈشتە زىيانغا ئۇچرىغان يەرلىك خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئېلان قىلمايۋاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت