دىك دۇربىن، يېقىندا گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ ئىنسانىي مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن ياخشى بىر ئۆلگە ياراتقانلىقىنى، باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ گوگۇل ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. دىك دۇربىن مەكتۇبىدا بارلىق شىركەتلەردىن خىتايدا بۇندىن كېيىن، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش، يەنى پىكىر ئەركىنلىكىنى قوللاش، شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان.
دىك دۇربىن كېڭەش پالاتادىكى دېموكراتىك پارتىيىنىڭ ئەزاسى ھەم كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق يىغىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دىك دۇربىن مەكتۇپ ئەۋەتكەن 30 شىركەتنىڭ ئىچىدە Amazon ،Facebook ،Skype ،Nokia قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭمۇ گوگۇلغا ئوخشاش، خىتاي بىلەن بىلەن بولغان تىجارەتتە ئىنسان ھەقلىرى شەرتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كۈتۈلمەكتە. ئەگەر، بۇ شىركەتلەرمۇ گوگۇلغا ئەگەشكەن تەقدىردە، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر باسقۇچقا قەدەم قويىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.