ئامېرىكا ھاۋاي دېڭىز ساھىلىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى سىنىقى ئېلىپ باردى

ئامېرىكا ھاۋاي دېڭىز ساھىلىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى مەزكۇر سىناقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.01

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، سىناق ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئورگىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى USS Hopper غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېتەكلەش سىستېمىسى كائۇي ئارىلىدىن ئېتىلغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسقان ۋە ئېتىپ چۈشۈرگەن.

باشقۇرۇلغان بومبىنى بايقاش ۋە ئېتىپ چۈرۈش مەشغۇلاتى تىنچ ئوكيان دېڭىز يۈزىدىن 161 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا بوشلۇقىدا تاماملانغان.

شىمالىي كورىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى رايونلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش تەھدىتى بولغاچقا ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارىشى مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى كۆرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى سىنىقى ھازىرغا كەلگۈچە 23 ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سىناقنىڭ 19 قېتىملىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.