ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما باياناتتا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى. لىڭ شيۇليەن ئوبامانىڭ بۇ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: "ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئوچۇق ئۇچرىشىشىدا تەيۋەن مەسىلسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئەمما ئىككى تەرەپ ئورتاق باياناتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان ئامېرىكىنى ئۆزى تەرەپكە تارتىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ " دېدى ۋە ھازىرقى ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە خاتىرجەم ھېس قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئەمما ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، تەيۋەننىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قەتئىي ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: بىز ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ تەيۋەن سىياسىتىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، تەيۋەنگە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىدىغان قوراللارنى سېتىپ بېرىشنى داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز دېدى.